خىتاي جىددىي ھالەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى

خىتاي جىددىي ھالەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 25-فېۋرالدىكى خەۋەرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان، ئىچكى موڭغۇل ۋە سىچۈەننىڭ يۇقۇمغا قارشى جىددىي ھالەتنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرگەن.
خىتايدا ئاممىۋى ساغلاملىق ھادىسىسىگە قارىتا جىددىي ھالەت تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى دەرىجە ئەڭ يۇقىرى دەرىجە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ جىددىي ھالىتى بىرىنچى دەرىجىدىن ئىككىنچى دەرىجىگە، سىچۈەننىڭ بىرىنچى دەرىجىلىكتىن ئۈچىنچى دەرىجىگە چۈشۈرۈلگەن.
خىتاي بۇندىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يەنە شاڭخەي، يۈننەن، گەنسۇ، گۇاڭدوڭ قاتارلىق كۆپلىگەن جايلارنىڭ جىددىي ھالەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ قارارى ئارقىلىق ئاساسلىق خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى05524995595

بۇ خەۋەر 844 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2020 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق