ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار پاش قىلغانلارغا مۇكاپات ئۇقتۇرۇشى

ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار پاش قىلغانلارغا مۇكاپات ئۇقتۇرۇشى
27- فېۋرال تاكۋىم خەۋەرلىرى تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتايدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى مەلۇم قىلغانلارغا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە خىتايىنىڭ خۇبىي ئۆلكىسىگە تەۋە چاڭ جاڭ كەنتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنى مەلۇم قىلغانلارغا 10 مىڭ يۈەن نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆزلىگىدىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارنىمۇ 10مىڭ يۈەن نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولىشىچە چاڭجاڭ كەنتىدە ھازىرغىچە 197 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ ساننىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشنى قاتتىق تىزگىنلەشكە تېرىتقان.
ۋىرۇس تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان خۇبىي ئۆلكىسىدە ھازىرغا قەدەر 2600 كىشى ۋىرۇس بىلەن ئۆلگەن. ۋىرۇس 47 دۆلەتكە تېزلىكتە يامراپ دۇنيا بويىچە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانى 8 مىڭدىن ئاشقان. ۋىرۇس بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 مىڭغا يېقىنلاشقان.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى05524995595

بۇ خەۋەر 487 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2020 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق