خىتاي ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىدىن ۋاز كەچمىگەن

خىتاي ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىدىن ۋاز كەچمىگەن
26- فېۋرال زېمىستان تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىسلام دىنىنى خىتايلاستۇرۇش رەزىل پىلانىدىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان.
خەۋەردە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق دىنغا ئالاقىدار قۇرئان كەرىم ۋە بارلىق كىتابلارنى يېغىپ كۆيدۈرۈپ، مەسچىتلەرنى چىقىش، مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ۋاقىتلىق مەلۇم مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر ناھىيەسىدىكى بىرلەشمە فرونت خىزمەت تارماقلىرى مەسچىتتىكى ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق بەلگىلەرنى ۋە سۆزلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئورنىغا جاللات شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئالماشتۇرغانلىقى، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئورنىغا «ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەسلى مەقسەت ، بۇرچنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ »ۋە« جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىڭ »، شۇنداقلا يېڭى« دىنىي ئىشلار نىزامى »دىكى پەرمانلارنى يازغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
شەندۇڭدىكى بىر ئىمامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىماملار مەسچىتلەرگە يېزىلغان شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ، بۇ ھەقتە تەسىرات ۋە ئۆگىنىش دوكلاتى يېزىشقا ۋە ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلغان. خىتاي مۇسۇلمانلارنى كومپارتىيەنىڭ ئەقىدىسى بىلەن تەربىيىلەپ ، ئاللاھقا ئەمەس پارتىيىگە ئىشىنى تەلەپ قىلغان.
گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى بىر تۇڭگان مۇسۇلماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ، يەرلىك بىرلەشمە فرونتى خىزمەت بۆلۈمى ۋە مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى شەھەردىكى بارلىق مەسچىتلەرنىڭ ئىمام خاتىپلىرىنى تەشكىللەپ، خىتاي ئۇسلۇبىدىكى بىنالارغا ئۆزگەرتىلگەن نۇرغۇن مەسچىتلەرنى كۆرسەتكەن
تۇڭگان ئىمامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىغا ئىماملارنىڭ كۆپىنچىسى قارشى چىققان. شۇنداقتىمۇ خىتاي رەزىل پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانىنى داۋاملاشتۇرغان. ئىماملار ئەگەر خىتاي كوممونىستىك پارتىيەسىنىڭ خىزمىتىنى قوللىمىسا ، گۇۋاھنامىلىرىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى، «ئەگەر سىز بىزنىڭ پىلانىمزغا قارشى چىقسىڭىز ، ئۆزىڭىزنى قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىسىز» دېگەن تەھدىتلەر بىلەن قورقاق سالغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى (2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە بولغان) بەش يىل ئىچىدە ئىسلام دىنىنى «خىتايلاشتۇرۇش » پىلانىنى يولغا قويۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەرنى چاققان ياكى مەسچىتلەردىكى ئايەتلەرنىڭ ئورنىغا شى جىنپىڭ سۆزىنى يېزىشقا مەجبۇرلىغان.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى05524995595

 

بۇ خەۋەر 514 قېتىم كۆرۈلدى
29/02/2020 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق