ۋۇخەن ۋىرۇسى خەلقئارادا ئەندىشە قوزغىماقتا


خەۋەر يەتتە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى خەلقئارادا تېزلىكتە تارقىلىپ، قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلىشقا باشلىغان.
ئىران سەھىيە مىنىستىرى سەئىد نەمەككى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك 54 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 978 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن مەملىكەتلىك سەپەرۋەرلىك قوزغىتىدىغانلىقىنى، ئىككى كۈن ئىچىدە 300 مىڭ ئەترەت تەشكىللەپ، بارلىق ئائىلىلەردە سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە ئىراقتا ئىلگىرى 13 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقى، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بۈگۈنكى يازما باياناتىدا ئىراندىن قايتىپ كەلگەن يەنە ئالتە كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقى، كورىيەدىمۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 3736گە يەتكەنلىكى، ئۇندىن باشقا بەھرەيىندە يۇقۇملانغانلارنىڭ 47گە، لىۋاندا ئونغا، قاتاردا ئۈچكە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 494 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2020 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق