خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئورگان تاراتقۇلىرى قاتتىق پەشۋا يېدى

ب ب س تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2-مارت خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
مەزكۇر قارارغا ئاساسەن خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي خەلقئارا تېلېۋىزىيەسى (CGTN)، خەلق گېزىتى، خىتاي كۈندىلىك گېزىتى ۋە خىتاي خەلقئارالىق رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق ئورگانلىرى خىتاي خىزمەتچى خادىملىرىنى 160تىن 100گە چۈشۈرۈشكە بۇيرۇلغان بولۇپ، قىسقارتىش نىسبىتى %40كە يەتكەن.
بۇيرۇقتا كۆرسىتىلگەن قىسقارتىلىدىغانلار مەزكۇر ئورگانلاردىكى خىتاي گىراژدانى بولغان خادىملار بولۇپ، بۇيرۇقنىڭ 13-مارتتىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. گەرچە قىسقارتىلغان خادىملارنىڭ ئامېرىكىدىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي خادىملارنىڭ ھەممىسى خىزمەت ۋىزىسى بىلەن تۇرۇۋاتقاچقا، ئۇزۇنغا قالماي ئامېرىكىدىن ئايرىلىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تاراتقۇ دېپلوماتىيە ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ قارارنىڭ تۈرتكىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك ئاخبارات خادىملىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 501 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2020 17:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق