خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللىك مۇخبىرلارنى ۋىزا ئارقىلىق چەكلىمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ 2-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار بىرلەشمىسى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋىزا ئارقىلىق چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بېسىم چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان جەمئىي توققۇز مۇخبىر ۋىزا بىكار قىلىنىش ياكى ئۇزارتىلىپ بەرمەسلىك قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن خىتايدىن قوغلانغان. ئالدىنقى ئايدىلا ۋال كوچىسى ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئۈچ مۇخبىرىنىڭ ۋىزىسى بىكار قىلىنىپ، خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.
مەزكۇر دوكلات خىتايدىكى 114 چەتئەللىك مۇخبىرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق يېزىلغان بولۇپ، %80تىن ئارتۇق مۇخبىر خىزمەت جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا، زوراۋانلارچە مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار بىرلەشمىسى دېگەن بۇ تەشكىلاتنى ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلىپ باقمىغانلىقىنى، مەزكۇر دوكلاتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىككە تولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا چەتئەللىك مۇخبىرلاردىن 536سى بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 430 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2020 01:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق