خىتاي تور باشقۇرۇش ھەققىدە يېڭى قائىدە ئېلان قىلدى

خىتاي تور باشقۇرۇش ھەققىدە يېڭى قائىدە ئېلان قىلدى
3- مارت ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئېلان قىلغان تور باشقۇرۇش يېڭى قائىدىسى بېيجىڭ خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
خەۋەردە، خىتاينىڭ ۋۇخەندىن باشلانغان ۋىرۇس خىتاينىڭ بارلىق ئۆلكىلىرى شۇنداقلا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا داۋاملىق تارقىلىپ دۇنياۋى تەھدىتكە ئايلانغانلىقى، خىتاي بەرگەن ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ رەسمىي ئۇچۇر ياكى يالغان ئۇچۇر ئىكەنلىكى توختىماي گۇمانىي سوئاللارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، ۋىرۇس ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە يەرلىك ئەمەلدارلىرىنى تەۋرىتىپ قويغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ۋىرۇسنىڭ يامراش ھەققىدىكى سۆزىنى باستۇرۇپ ، ھەقىقەتنى يوشۇرغانلىقى ھەمدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كېچىكتۈرگەنلىكى تەنقىد قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە، خىتاي دائىرىلىرى ۋابانىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئېغىر خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تىلغا ئېلىشتىن ھازىرغىچە ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئەمدىلىكتە خىتاي تور ئېكولوگىيىسىنى تۈزەش ۋە ياخشىلاش باھانىسى بىلەن تور باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويغانلىقى، بېيجىڭ خەلقى خىتاينىڭ تور باشقۇرۇش قائىدىسى ئارقىلىق ئاخباراتنى تىزگىنلىشىگە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي« يامان خەۋەر بولمىغان دەۋرگە يەتتى» دەپ مازاق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولىشىچە، خىتاي يەنە، خەلقنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي خىتاي تور ئۇچۇرلىرىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى« تور ئۇچۇرلىرىنى كونترول قىلىش قائىدىسى خىتايدا تورنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ساھەسىدىكى ئابىدە،»دەپ سۈپەتلىگەن.

بۇ خەۋەر 574 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2020 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق