چەتئەل شىركەتلىرى ۋىرۇس سەۋەبلىك خىتايدىن كېتىشنى تېزلەتتى

چەتئەل شىركەتلىرى ۋىرۇس سەۋەبلىك خىتايدىن كېتىشنى تېزلەتتى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ئالىملىرى يېقىندا ۋىرۇس يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان سەۋەبىدىن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر ھۆكۈمەت مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلىيەلمىسە ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن توقۇمىچىلىق ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش، تەننەرخى يۇقىرى بولغان پۇل تاۋلاش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سىرتقا يۆتكىلىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ.
دوكلاتتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىش ۋاقىت ئاساسى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا ، سانائەت زەنجىرىنى يۆتكەشكە كېتىدىغان چىقىم ئادەتتە يۇقىرى بولىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ دېگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ، بۇ يۇقۇملىنىش خىتاينىڭ سانائەت زەنجىرىنىڭ تاشقى يۆتكىلىشىگە تەسىر كۆرسەتتى. بۇنىڭ تەسىرى چەكلىك بولىدۇ ».
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان بىر پەيتتە ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشنى توختىتىش تەدبىرى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتنى توختىتىۋەتتى ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەكتەپ ۋە زاۋۇتلارنى تاقىدى ، ئاممىۋى پائالىيەتلەر چەكلەندى .
يېقىندا ئېلان قىلىنغان رەسمىي ۋە خۇسۇسىي تەكشۈرۈشلەردىن ئايان بولۇشىچە ، 2-ئايدا شىركەتلەر مەجبۇرىي تاقاش جەريانىدا شىركەتلەر تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ئىشچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا ، ئىقتىسادىي پائالىيەت زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.
خىتاي ئاخباراتى كايشىن تۈزگەن خىتاي ئىشلەپچىقىرىش سېتىۋېلىش ۋە باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى 2 -ئايدا 26.5 كە چۈشۈپ ، ئالدىنقى ئايدىكى 51.8 دىن خېلىلا تۆۋەن بولۇپ ، تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان 14 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە تۇنجى قېتىم 50 دىن تۆۋەنلەپ كەتتى.
رېيتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شى جىنپىڭ خىتاي خەلق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋە باشقا ئىقتىسادىي ساھەلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى دوكلات قىلغاندىن كېيىن ، خىتاي سىياسىي ئىدارىسى دائىمىي كومىتېتى 2-ئايدا يەرلىك ئەمەلدارلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ، يۇقۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بەزى ھەرىكەتلەرنىڭ ئىقتىسادقا زىيان سالغانلىقىنى ئاشكارا تەكىتلىگەن.
مەنبەلەر يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئۇلارنى «تېخىمۇ كۆپ چەكلەش تەدبىرلىرى» قوللانماسلىققا چاقىرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 441 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2020 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق