خىتاينىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋابا مەزگىلىدە خىتايغا يۈز-خاتىرە قىلمىدى

ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان شىمالىي كورىيە تۇنجى بولۇپ خىتايغا ئىشىكىنى تاقىغان بولۇپ، خىتاينى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئاشكارىلانغان بىر ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، شىمالىي كورىيە يەنە خىتايغا چېگرا رايونلارنى قاتتىق باشقۇرۇش ھەققىدە تەلەپ قويغان.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇش يالۇجاڭ دەرياسى بويىدىكى مەلۇم يەرلىك دائىرىنىڭ پۇقرالارغا تارقاتقان ئۇقتۇرۇشى بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورىيە تەرەپ خىتايدىن چېگرا رايونلارنى قاتتىق باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە ۋىرۇس سەۋەبلىك شىمالىي كورىيەنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى يۇقۇمنى ياخشى كونترول قىلىشى كېرەكلىكىنى، داۋالاش ياكى ئايرىپ كۆزىتىشكە قارشى چىققانلارنى ئېتىۋېتىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەرلىك پۇقرالارنىڭ يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىمالىي كورىيەگە چېگراداش بولغان رايونلاردا بېلىق تۇتۇش، مال-چارۋا بېقىش ۋە ئايلىنىپ يۈرۈشكە ئوخشاش ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكى، خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇ خەۋەر 450 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2020 12:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق