خىتاي ئەركىنلىك جەھەتتە ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلدى


دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن تەشكىلات «ئەركىنلىك سارىيى» تۈنۈگۈن يىللىق باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىنىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسى كۆرسەتكۈچىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا 195 دۆلەت باھالانغان بولۇپ، 49 دۆلەت «ئەركىن ئەمەس»، 63 دۆلەت «قىسمەن ئەركىن» دەپ باھالانغان. ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %3 چۈشۈپ كەتكەن.
گەرچە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە خەلقنىڭ تۈرلۈك نامايىشلىرى كۆپلەپ يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىنى توسۇپ قالالمىغان. مەسىلەن: خوڭكوڭدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلارنىڭ ۋە كوممۇنىستپەرەس ھاكىمىيەتنىڭ باستۇرۇشى تۈپەيلىدىن، ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى %4 چۈشۈپ كەتكەن.
خىتاي بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان خەلقنى جازا لاگېرىغا قاماپ باستۇرغانلىقى، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، ئۆسمۈرلەرنى بالىلار لاگېرىغا قامىغانلىقىغا ئوخشاش قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئەركىنلىك دەرىجىسى ئەڭ ناچار 15 دۆلەتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى «دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي ئىرقىي ۋە دىنىي باستۇرۇش» دەپ سۈپەتلەنگەن. شۇنداقلا خەلقئارانىڭ ئورتاق ھالدا ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىكى تۈپەيلى، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 706 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2020 13:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق