ۋۇخەندە ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تۇيۇقسىز كۆپەيدى

ۋۇخەندە ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تۇيۇقسىز كۆپەيدى

5-مارت ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋۇخەندە يېڭىدىن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ قايتىدىن كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى چارشەنبە كۈنى ۋىرۇس بىلەن يۇمۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن 139 بىمارنى قوشقاندا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى 80409 غا يەتكەن. دۈشەنبە ئېلان قىلىنغان يۇقۇملانغانلار 119، سەيشەنبە 125 بولۇپ، چارشەنبە يېڭى يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 131 گە يەتكەن. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى كونكرېت كۆرسەتمە بەرمىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە: «سەھىيە كومىتېتى كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىدۇ» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

خىتاي سەھىيە كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چارشەنبە كۈنىگە قەدەر خىتايدا ئۆلگەنلەرنىڭنىڭ سانى 3012 بولۇپ، سەيشەنبە 31 كىشى كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ 23ى ۋۇخەنلىك ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋىرۇسنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي تەدبىر قوللىنىپ، ۋىرۇسنىڭ قايتىدىن خىتايغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ (چىڭداۋ)، سىچۈەن (چېڭدۇ) ۋە باشقا جايلاردا كورىيە، ئىتالىيە، ئىران قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان دۆلەتلەردىن كەلگەنلەرنى 14 كۈن ئايرىپ كۆزىتىش تەدبىرى قوللانغان.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 457 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2020 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق