نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: بۇخەلچەم مەمتىمىن

بۇخەلچەم مەمتىمىن

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغان كىشىلەر قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، يۇقىرىقىدەك ئىككى خىل كىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ بىرى ئۇلاردىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ مەنبەسى بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئۇلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىدىن كېلىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغان كىشىلەرنىڭكى بولسا ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىدىن كېلىدۇ. بۇ ئىككى نەرسە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر مۇنداق:

خاراكتېرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىش قىلىدىغان كىشىلەر:

- ئىشنى توغرا قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قارىتا ياخشى تۇيغۇغا ئېرىشىش

- ئىرادىگە تايىنىپ ئىش قىلىش

- پىرىنسىپ ئاساسىدا قارار چىقىرىش

- پوزىتسىيەنى ئىش-ھەرىكەت ئارقىلىق كونترول قىلىش

- ئالدى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىغا ئىشىنىپ، ئاندىن ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش

- يۇقىرى كەيپىيات پەيدا قىلىش

- «مېنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىم قايسى؟» دەپ سوراش

- مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە قىلىۋاتقان ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىش

- كەيپىياتى تۇراقلىق بولۇش

- باشلامچى بولۇش

 ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىش قىلىدىغان كىشىلەر:

- ئالدى بىلەن ياخشى تۇيغۇغا كېلىپ، ئاندىن ئىشنى توغرا قىلىش

- قولايلىققا تايىنىپ ئىش قىلىش

- ئېقىمغا ئەگىشىپ قارار چىقىرىش

- ئىش-ھەرىكەتنى پوزىتسىيە بىلەن كونترول قىلىش

- ئالدى بىلەن نەتىجىنى كۆرۈپ، ئاندىن قىلىۋاتقان ئىشىغا ئىشىنىش

- كەيپىياتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ساقلاپ تۇرۇش

- «مېنىڭ ھوقۇقلىرىم قايسى؟» دەپ سوراش

- مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، قىلىۋاتقان ئىشىدىن ۋاز كېچىش

- كەيپىياتى تولا ئۆزگىرىپ تۇرۇش

- ئەگەشكۈچى بولۇش

 

يېقىنغىچە ياشىغان لۇيىس لامور (Louis L’Amour) تارىختىكى ئەڭ داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئۇنىڭ جەمئىي 230 مىليون پارچە كىتابى سېتىلغان. ئۇ 100 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يازغان بولۇپ، ئاشۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھازىرغىچە قايتا نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭدىن يېزىش ئۇسلۇبىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «قانداق ئەھۋال ئىچىدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، يېزىشنى باشلاڭ. سۇ تۇرۇبىسىنى ئاچمىغىچە، سۇ ئېقىشىنى باشلىمايدۇ».

يۇقىرىدىكى مەزمۇن مەن «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (9)» دېگەن ماقالىدە تونۇشتۇرغان جون ماكسىۋېل (John C. Maxwell)نىڭ «ماكسىۋېل كۈنلۈك ئوقۇشلۇقى» دېگەن كىتابىنىڭ 122-بېتى (20-ئاپرېل)نىڭ مەزمۇنى بولۇپ، ئۇنىڭغا «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ تۈرتكىسىدە ئىش قىلىش بىلەن ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە ئىش قىلىشنىڭ پەرقى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.

مەن ئەمدى رەسمىي مەزمۇننى باشلاپ، يەنە بىر يېڭى قېرىندىشىمىزنى تونۇشتۇرىمەن. ئۇ ئىلىم-پەننىڭ مەلۇم بىر ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ئالدىنقى سەپتە ئۈزۈپ كېتىۋاتقان قەھرىمان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ يەنە بىر مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندىكى مەزمۇننى ھازىر چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان سىڭلىمىز رابىيە مەمەت تەييارلاپ بەردى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سىڭلىمىز رابىيەگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۆتكەن يىل تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىنىمىز «ئۇيغۇرسۆيەر»مۇ تۈركىيەدىكى بىر نەچچە قېرىندىشىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تەييارلاپ بەرگەن ئىدى. دېمەك، «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا يوللىنىلىدىغان مەزمۇننى مەن ئەمەس، تونۇشتۇرۇلىدىغان قېرىندىشىمىز ئۆزىلا ئەمەس، يەنە باشقا بىرسى ياكى 3-قېرىندىشىمىز تەييارلىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مەن قولىدىن مۇشۇنداق ئىش كېلىدىغان باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ ماڭا ياردەم قىلىشىنى، ئۆزلىرى تونۇيدىغان «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار»نىڭ ئەھۋالىنى يېزىپ چىقىپ، ماڭا يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ماكس پلانك تەتقىقاتچىسى دوكتور بۇخەلچەم مەمتىمىن

 

سىڭلىمىز بۇخەلچەم مەمتىمىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە بولغان مائارىپ تەربىيەسىنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغان. ئالىي مەكتەپنى شاڭخەي خۇادۇڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقۇغان. شاڭخەيدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە بۇ جەرياندا ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن.

ئۇ 2000-يىلى گېرمانىيە كائاد تەتقىقات فوندىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، گېرمانىيە ماينىز جوھانىس گۇتېنبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى جوھاننەس گۇتەنبەرگ ئۇنىۋەرسىتي (قىسقارتىلىپ ماينىز ئۇنىۋېرسىتېتى دەپ ئاتىلىدۇ) غا كېلىپ، «قۇرغاق رايونلار ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سىجىل يېزا-ئىگىلىكىنىڭ مۇمكىنچىلىكى» (Climate change of arid and semi-arid regions and the possibilities of sustainable agriculture utilization) ھەققىدىكى دوكتورلۇق تەتقىقات تېمىسىنى باشلىغان. دوكتورلۇق ماقالىسىنى يېزىش جەريانىدا، مايىنىز ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى بولۇپ قالغان.

ئۇ 2004-يىلى 8-ئايدىن 2005-يىلى 11-ئايغىچە ماينىز ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا پوستدوكتورلۇق تەتقىقاتىنى ئىشلىگەن. 2005-يىلنىڭ ئاخىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن باشلاپ تاكى 2012-يىلغىچە ماكس پلانك تەتقىقات ئورگىنىنىڭ (Max Planck Society) خىمىيە ئىنستىتۇتى بىيوگېيوخىمىيە فاكۇلتېتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ھازىر ماكس پلانك تەتقىقات ئورگىنى خىمىيە ئىنستىتۇتىنىڭ «سۈنئىي ھەمراھ تەتقىقات گۇرۇپپىسى» (Satellite and Remote Sensing Research Group)دا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. شۇنداقلا ماگىستىر، دوكتور ۋە پوستدوكتور ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەۋاتىدۇ.

بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر پەخىرلىك، ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچىمىز بۇخەلچەم مەمتىمىن ئىشلەۋاتقان ماكس پلانك تەتقىقات ئورگىنىنىڭ قانداق ئورگان ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. «Max Planck» بولسا گېرمانچە «Max-Planck-Gesellschaft zur Förderung der Wissenschaften» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ بىر چوڭ تەتقىقات ئورگىنى بولۇپلا قالماي، خەلقئارادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ نوپۇزلۇق، شۇنداقلا تەتقىقات ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغان، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان مەخسۇس تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بىرى. بۇ تەتقىقات ئورگىنى گېرمانىيەلىك داڭلىق فىزىكا ئالىمى، نوبېل ساھىبى ماكس پلانك (Max Planck)نىڭ نامى بىلەن قۇرۇلغان. 2014-يىلغىچە بۇ تەتقىقات ئورگىنىدىن 33 تەتقىقاتچى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ تەتقىقات ئورگىنى توغرىسىدا تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بار: www.mpg.de.

 بۇخەلچەم مەمتىمىن 2006-يىلدىن ھازىرغىچە ياۋروپا يەر شارى فىزىكىشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ (European Geosciences Union) يىللىق يىغىن تەشكىللىگۈچىسى، ياۋروپا يەرشارى فىزىكىشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكا يەرشارى فىزىكىشۇناسلىق ئۇيۇشمىسى (American Geophysical Union)نىڭ ئەزاسى، گېرمانىيە سۈنئىي ھەمراھ رەسىم-سۈرەتلىرىنى ئۆلچەش، سۈنئىي ھەمراھنىڭ يۆتكىلىش سېزىمى ۋە جۇغراپىيىلىك ئۇچۇرلار جەمئىيىتى (German Society for Photogrammetry, Remote Sensing and Geoinformation)نىڭ ئاكتىپ ئەزاسى (active member) بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇخەلچەمنىڭ يۇقىرىقىدەك كۆپلىگەن نوپۇزلۇق ئىلمىي جەمئىيەتلەرگە ئاكتىپ ئەزا بولۇشى ۋە بۇ جەمئىيەتلەردىكى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە ئاكتىپ قاتنىشىشى ئۇنىڭ ئۆز كەسپىي ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى نەقەدەر قەدىرلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇخەلچەم يەنە «ئىلىم-پەن دۇنياسى ژۇرنىلى ئالاھىدە سانى - دېڭىز بويلىرى مۇھىتى، ئېكولوگىيىسى ۋە سىجىل تەرەققىيات» (The Scientific World Journal: Special Issue - Coastal Environment, Ecology, and Sustainable Development) ۋە «خىمىيە ژۇرنىلى» (Journal of Chemistry: Special Issue - Wetland Biogeochemistry) قاتارلىق بىر قانچە خەلقئارالىق ژۇرناللارنىڭ تەھرىرى، شۇنداقلا «خەلقئارالىق كىلىمات ژۇرنىلى» (International Journal of Climatology)، «مۇھىت باشقۇرۇش» (Environmental Management) ۋە «جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرلار ۋە جۇغراپىيەلىك ئىستاتىستىكىلار» (Geoinformatics and Geostatistics:An overview Aerosol and Air Quality Research) قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسى (reviewer) بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

دوكتور بۇخەلچەم مەمتىمىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۇنيا قۇرغاق رايونلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ۋە زاۋۇتلاردىن چىققان خىمىيىلىك گازلارنىڭ ئاتموسفېراغا بولغان تەسىرى ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يېزا-ئىگىلىك ۋە سانائەت تەرەققىياتىنىڭ دۇنيا قۇرغاق رايونلىرىنىڭ ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا نەچچە ئون چوڭ تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىشلەشكە قاتناشقان ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، بوتسۋانا (Botswana)، ئىسرائىلىيە، ۋە مىسىر قاتارلىق رايونلاردا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتتا بولغان. ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن 2006-يىلدىن 2011-يىلغىچە شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، يېزا-ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان تۇپراقلارنىڭ ئاتموسفېراغا قانچىلىك ئازوت ئوكسىد قويۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەتقىقات تۈرىنى تاماملىغان. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرى گېرمانىيە تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى (German Research Foundation, DFG) ۋە ماكس پلانك جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقات تۈرى فوندىغا ئېرىشكەن.

دوكتور بۇخەلچەم مەمتىمىننىڭ ھازىرقى تەتقىقات نىشانى بولسا باشقا قۇرغاق رايونلاردىكى يېزا-ئىگىلىك ۋە سانائەتنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان خىمىيىلىك گازلارنىڭ دۇنيا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان تەسىرىنى ئانالىز قىلىش بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ قۇرغاق رايونلاردىكى چوڭ شەھەرلەر (Megacities)نىڭ دۇنيا ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.

بۇخەلچەمنىڭ كۆپلىگەن يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئاشۇنداق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشنى ھازىرمۇ ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بۇخەلچەم ھازىر جۇغراپىيە، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە ۋە مۇھىت دېگەندەك كەسىپلەردە ماگىستىر، دوكتور ۋە پوستدوكتور ئوقۇغۇچىلىرىغا يېتەكچى بولۇۋاتىدۇ.

ئارىمىزدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار چەتئەلدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشنى كۆڭلىگە پۈكسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ياشلار چەتئەلدىكى پىروفېسسورلار بىلەن ئالاقىلىشالماسلىق تۈپەيلىدىن توختاپ قېلىۋاتىدۇ. زىيارەت داۋامىدا بۇخەلچەم مەمتىمىن چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك، ئوقۇغان كەسپى ماس كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت بولۇپ قالغۇسى. ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا بۇخەلچەم مەمتىمىن بىلەن «[email protected]» ئارقىلىق ئالاقىلەشسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئالاقە ئۇچۇرى ماكس پلانك ئىنستىتۇتىنىڭ تۆۋەندىكى ئورگان تور بېتىمۇ بار:

http://www.mpic.de/en/news/press-information/news/profile-buhalqem-mamtimin.html

 

دوكتور بۇخەلچەم مەمتىمىننى گېرمانىيەدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى بىر نەچچە قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاللىبۇرۇن كەڭ خەلققە تونۇشتۇرغان ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەمما بىز بۇ پەخىرلىك تەتقىقاتچىمىز بىلەن سەل كېچىكىپرەك تونۇشتۇق. بىز ئۇنىڭدىن ۋەتەندىكى ياشلارغا قانداق يۈرەك سۆزلىرى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى، ئۆزىنى تېخىمۇ كۆپ ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولغان بۇ پەخىرلىك، ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچىمىزنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ تېخىمۇ مول ھوسۇللۇق بولۇشىنى، تېنىنىڭ سالامەت ۋە ئائىلىسىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

سىڭلىمىز بۇخەلچەم مەمتىمىن مەن ئالدىنقى قېتىم (يەنى «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (21)» دېگەن ماقالىدە) تونۇشتۇرغان دوكتور دىلمۇرات تىلىۋالدى ئۇكىمىز بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلاردىن بولۇپ، مەن بۇ ئىككى ئۇيغۇر ياشتىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپىي ھاياتىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت ۋە شان-شەرەپلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

 

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

 

دوكتور بۇخەلچەم مەمتىمىن ھازىرغىچە ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى:

1. MAMTIMIN, B, BEHRENDT, T, BADAWY, M.M., WAGNER, T., QI, Y., WU, Z., and MEIXNER, F.X. Tropospheric vertical column densities of NO2 over managed dryland ecosystems (Xinjiang, China): MAX-DOAS measurements vs. 3-D dispersion model simulations based on laboratory-derived NO emission from soil samples. Atmos. Chem. Phys., 15, 867–882, doi: 10.5194/acp-15-867-2015, 2015a.

2. MAMTIMIN, B, BADAWY, M.M., BEHRENDT, MEIXNER, F.X., T, WAGNER, T. The contribution of soil biogenic NO emissions from a managed hyper-arid ecosystem to the regional NO2 emissions during growing season. Atmos. Chem. Phys. Discuss., 15, 34533–34604, doi:10.5194/acpd-15-34533-2015, 2015b.

3. BADAWY, M.M.,, ABDEL AZIZ, A.O., and MAMTIMIN, B. Flash floods in Sahara: A case study for the 28th January 2013 flood in Qena-Egypt. Geomatics, Natural Hazards and Risk, 1-21, doi.org/10.1080/19475705.2014.885467, 2014. 

4. BEHRENDT, T., Veres, P.R., ASHURI, F., SONG, G., FLANZ, M., MAMTIMIN, B., BRUSE, M., WILLIAMS, J., and MEIXNER, F.X. Characterisation of NO production and consumption: new insights by an improved laboratory dynamic chamber technique. Biogeosciences, 11, 5463–5492, doi:10.5194/bg-11-5463-2014, 2014. 

5. MAMTIMIN, B, BEHRENDT, T, BADAWY, M.M., QI, Y., and MEIXNER, F.X.. Landuse and drylands – spatio-temporal measurements of biogenic nitric oxide emissions from soils. Scientific research Report in Yearbook of the Max Planck Society 2012/2013,1-9, http://www.mpg.de/6945963/mpch_JB_2013?print=yes, 2013, (in German).

6. WU, Z., QI, Y., BEHRENDT, T., MAMTIMIN, B. and MEIXNER, F.X. Characterization of soil respiration rates along a temporal restoration gradient in a degenerated wetland of the arid region in NW-China. Geophysical Research Abstracts, 14, EGU2012-4131-2, 2012. 

7. MAMTIMIN, B., and MEIXNER, F.X. Air pollution and meteorological processes in the growing dryland city of Urumqi (Xinjiang, China). Science of Total Environment, 409, 1277-1290, 2011.

8. MAMTIMIN, B., EL-TANTAWI, A., SCHAEFER, D., MEIXNER, F.X., and DOMROES, M. Recent trends of temperature under hot and cold desert climates: Comparing the Sahara (Libya) and central Asia (Xinjiang, China). Journal of Arid Environment, 75, 1105-1113, 2011.

9. MAMTIMIN, B., and the DEQNO* Team. The project “Desert encroachment in central Asia – Quantification of soil biogenic nitric oxide emissions by ground- and satellite-based methodologies (DEQNO)” – An overview. Geophysical Research Abstracts, 13, EGU2011-11289, 2011. 

10. HEMPELMANN, N., BEHRENDT, T., MAMTIMIN, B., SONG, G. and MEIXNER, F.X. Modelling of atmospheric dispersion of trace gases emitted from oasis in the Taklimakan (NW-China) desert on regional scale. Geophysical Research Abstracts,13, EGU2011-11440, 2011. 

11. BEHRENDT, T., BRUSE, M., MAMTIMIN, B., MEIXNER, F.X. HEMPELMANN, N., and ANDREAE, M.O. An improved method for analysis of biogenic NO emissions from hyper-arid and arid soils (Gobi desert, Mongolia and Taklimakan desert, Xinjiang/China). Geophysical Research Abstracts, 13, EGU2011-11875, 2011. 

12. Qi, Y., MAMTIMIN, B., MEIXNER, F.X., SHAIGANFAR, R., BEIRLE, S. and WAGNER, T. MAX-DOAS observations of tropospheric NO2 and H2O column densities from hyper-arid areas in Central-Asia. Geophysical Research Abstracts, 13, EGU2011-3163, 2011.

13. Yu, J. B., Meixner, F.X., Sun, W. D., Sun, Z.G., Mamtimin, B., Xia, C.H., and Xie, W.J. Biogenic nitric oxide emissions from mountain soils sampled from different vertical landscape zones in the Changbai Mountains, Northeastern China. Environ. Sci. Technol., 44, 4122-4128, 2010.

14. YU, J. B., MEIXNER, F.X., SUN, W. D., MAMTIMIN, B., WANG, G.P., QI, X.N., XIA, C.H., and XIE, W.J. Nitric oxide emissions from black soil, northeastern China: A laboratory study revealing significantly lower rates than hitherto reported. Soil Biology & Biochemistry, 42, 1784-1792, 2010.

15. WU, Z., BAI. X., Jin, H., MAMTIMIN, B. and MEIXNER, F.X. Study on oasis soil heterogeneity in the watersheds of Bohe and Jinghe (Xinjiang, NW-China). Geophysical Research Abstracts, 12, EGU2010-11758, 2010.

16. Jin, H., WU, Z., BAI. X., MAMTIMIN, B. and MEIXNER, F.X. Analysis of vegetation coverage change of Bohe and Jinghe oases (Xinjiang, NW-China) - natural and human factors. Geophysical Research Abstracts, 12, EGU2010-11976, 2010.

17. MAMTIMIN, B., BEIRLE, S., WAGNER, T., ANDREAE, M.O. and MEIXNER, F.X.

The Potential Role of Biogenic Soil Emissions of Nitric Oxide for the Tropospheric

Nitrogen Dioxide Column Density over Oasis Ecosystems in the Extremely Arid Regions

of Northwestern China. Geophysical Research Abstracts, 10, EGU2008-A-12146, 2008.

18. MAMTIMIN, B., MEIXNER, F.X. and ANDREAE, M.O. Up-scaling of biogenic soil emissions of nitric oxide for the Tohsun depression in Northwest China using GIS

techniques. Geophysical Research Abstracts, 10, EGU2008-A-04001, 2008.

19. MOAWAD, B., GRUNERT, J. and MAMTIMIN, B. Digital simulation of small-scale drainage basins using SRTM satellite images: validity and competence analysis.

Geophysical Research Abstracts, 10, EGU2008-A-04358, 2008.

20. FEIG,T.G., MAMTIMIN, B., STEINKAMP, J. and MEIXNER, F.X. Biogenic emission of nitric oxide from three ecosystems in the Namib Desert: a laboratory study.

In preparation for submission to Journal of Arid Environments, 2008.

21. Feig, T.G., Mamtimin, B., and Meixner, F.X. Soil biogenic emissions of nitric oxide from a semi-arid savanna in South Africa, Biogeosciences, 5, 1723–1738, 2008.

22. Feig, T.G., Mamtimin, B., and Meixner, F.X. Use of laboratory and remote sensing techniques to estimate vegetation patch scale emissions of nitric oxide from an arid Kalahari savanna, Biogeosciences Discussions (BGD), 5, 4621–4680, 2008.

23. YU, J. B., MEIXNER, F.X., SUN, W. D., LIANG, Z. W., CHEN, Y., MAMTIMIN, B., WANG G. P. and SUN, Z. G. The biogenic nitric oxide emission from saline sodic soils in semiarid region, Northeastern China: A laboratory study. J. Geophys. Res., Vol 113, 1-11, 2008.

24. MAMTIMIN, B. Characteristics and difficulties of semi-nomadic livestock economy in Yili area, Xinjiang, China”. In: Geo-Öko, Vol. 28, 43-53, 2007, (in German).

25. MAMTIMIN, B. and MEIXNER, F. X. The characteristics of air pollution in the semi-arid City of Urumqi (NW China) and its relation to climatological processes. Geophysical Research Abstracts, 9, 06537, 2007.

26. MOAWAD, M. B. and MAMTIMIN, B. Flash floods: assessment and vulnerability analysis of small-scale drainage basins in the northern Eastern Desert of Egypt. Geophysical Research Abstracts, 9, 01050, 2007.

27. MAMTIMIN, B. and MEIXNER, F. X. Biogenic NO production and consumption in natural and cultivated soils from a cold desert in northwest China. Geophysical Research Abstracts, 9, 07324, 2007.

28. MAMTIMIN, B., DOMROES, M. and MEIXNER, F. X. The traditional technology

for optimum subterranean water use in the cold desert of Northwest China.

Geophysical Research Abstracts, 8, 04642, 2006.

29. MAMTIMIN, B. The climate conditions in arid and semiarid regions and possibilities of sustainable agricultural utilization, 206 p. Editor: M. Domroes, Academic Press Johannes Gutenberg University of Mainz, Germany, 2005, (Book, in German).

30. DOMROES, M. and MAMTIMIN, B. Sandstorms in the Tarim basins: causes and socio-economic consequences. In: Asien - German Association for Asia Studies 85: 5-18, Hamburg, 2002, (in German).

31. MAMTIMIN, B. (1999), Climatic conditions for the cultivation of cotton in the Turpan basin. In: Xinjiang Agricultural Sciences, 4, Urumqi, (in Chinese).

32. MAMTIMIN, B. (1999), Relation between meteorological condition and TSP (TotalSuspendetParticulate) concentration in Urumqi. In: Arid Environmental Monitoring, Vol. 13. No. 3 Urumqi, (in Chinese).

33. MAMTIMIN, B. (1998), Karez-irrigation and the climate condition of the Turpan basin. In: Arid Geography, 4, Urumqi, (in Chinese).

 

دوكتور بۇخەلچەم مەمتىمىننىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى ھەققىدە يېزىلغان مېدىئا دوكلات-خەۋەرلىرىنىڭ تىزىملىكى:

1. On the trail of a trace gas: Press information of MPIC on 20.04.2015
http://www.mpic.de/aktuelles/pressemeldungen/news/auf-den-spuren-eines-spurengases.html

2. Auf den Spuren eines Spurengases : Free Network Press, on 21.04.2015.
http://freeweb4all.net/de/?s=Mamtimin

3. Auf den Spuren eines Spurengases : Extrem news on 21.04.2015.
http://www.extremnews.com/nachrichten/natur-und umwelt/9410154d95a0354?source=feed&utm_source=feedburner&utm_medium=feed&utm_campaign=Feed%3A+Extremnews+%28Extremnews%29

4. On the trail of a trace gas: Innovation report on 21. 04. 2015.
http://www.innovations-report.com/html/reports/agricultural-sciences/on-the-trail-of-a-trace-gas.html

5. Bestimmung der Stickoxid-Emissionen aus landwirtschaftlich genutzte Oasen: News Analytik on 27. 04. 2015,
http://www.analytik-news.de/Presse/2015/245.html

 

 

مەنبە:

http://www.meripet.com/2016/20160205_chetel_uyghur23.htm?fbclid=IwAR0PCoCaLTE0VWfTW_O3V40xL_J61UsngHFn2TBNe01Nn_gKr28nEG2rnEc

 

 

بۇ خەۋەر 9453 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2020 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق