خىتاينىڭ تەيۋەندە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا ئالاقىدار يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكىنىڭ مەلۇم بىر ئەقىل ئامبىرى 6-مارت بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تەيۋەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە كۆپلەپ يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىغا جايلاشقان «كەلگۈسى تەتقىقات مەركىزى» ناملىق ئەقىل ئامبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا بىر نەچچە خىتاي پۇقراسىنىڭ ئىككىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ تەيۋەندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا «تەيۋەن ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇردى» دېگەنگەنگە ئوخشاش يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق تەيۋەن خەلقى ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۇندىن باشقا خىتاي پۇقرالىرى تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ماسكىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق زور پايدا ئالغانلىقى ھەققىدىمۇ يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان بولۇپ، تەيۋەن خەلقى ئارىسىدا مەلۇم نىسبەتتە تەسىر قوزغىغان.

خىتاينىڭ ياللانما تور قوشۇنى ئىشلىتىش تاكتىكىسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تەيۋەننىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك سايلىمىدىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانلىق يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، سايلامغا دەخلى قىلماقچى بولغانلىقى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 777 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2020 12:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق