خىتاي مىنىستىرى ۋۇخەندە «ساختا» دېگەن شوئار بىلەن قارشى ئېلىندى
6-مارت فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سۈن چۈنلەن ۋۇخەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە، خەلق ئاممىسى ئۇنى «ساختا» دېگەن شوئار بىلەن «قارشى ئالغان».
مىنىستىر سۈن چۈنلەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى خىزمەت تەكشۈرۈپ، ۋۇخەندىكى مەلۇم ئولتۇراق رايونىغا كىرگەندە، بىنالاردىكى ئاھالىلەر دېرىزىدىن ۋارقىراپ: «ساختا، ھەممىسى ساختا» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شەھەر تاقىلىپ قالغانلىقتىن ئۆيلىرىدە قاپسىلىپ قالغان، ھۆكۈمەتنىڭ كارى بولمىغان خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزلىرى ئوپچە كۆكتات زاكاز قىلغانلىقى، پۇقرالارنىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ۋىدىيو خىتاينىڭ سىنا مىكرو بىلوگىدا تارقالغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى سۈن چۈنلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى «تولۇق تەكشۈرۈش» ۋە «يۇقۇملانغان ئاھالىلەرنى يەرلىك كۆكتات، بوۋاقلارنىڭ يېمەكلىكلىرى ۋە دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش»نى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.
يەرشارى ۋاقىت گېزىتى جۈمە كۈنى ۋۇخەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «مەسىلىنى دەرھال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش» بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى يازغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋىلايەت ۋە شەھەر مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ، پۇقرالارنى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋىدىيو نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، تورداشلار «ئىمپېراتورنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارىلاندى» دەپ باھا بەرگەن. بۇ ۋەقەدە ئارقىسىدا خىتاينىڭ ئۆز خەلقىنى ئۆيىگە قاماپ، يېمەكلىك ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىمەستىن شەكىلۋازلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالغان.