خىتاي: دۇنيا خىتايغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك

خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇسى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن «دۇنيا خىتايغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك» سەرلەۋىلىك ماقالىنى تارقاتقان بولۇپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

ب ب س تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ماقالىدە گەرچە يۇقۇم خىتايدىن باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدىغانلىقى، باشقا دۆلەتتە ئاۋۋال پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، شۇڭا خىتاينىڭ خەلقئارا جامائەتتىن كەچۈرۈم سورىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ يۇقۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن كۆپ قۇربانلىق بەرگەنلىكى، شۇڭا خەلقئارانىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ خىتايغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان.

ماقالە ئېلان قىلىنغان كېيىن خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى ۋە تەنقىدىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يوشۇرغانلىقى سەۋەبلىك پۈتۈن دۇنياغا تاراپ كەتكەنلىكىنى، بۇ قېتىملىق ۋابادا خىتاينىڭ زور مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ۋۇخەن ۋىرۇسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىشى نەتىجىسىدە خىتايغا قارشى ئاۋازلار ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ فوكس قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى پىروگرامما جەريانىدا خىتاينى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيادىن كەچۈرۈم سورىشى لازىملىقىنى ئېيتقان.

ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ھەرىكەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، بۇ قېتىملىق ۋابانىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 470 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2020 12:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق