ۋۇخەن ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىيان سودا ئۇرۇشىنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىكى زىيىنى ئالدىنى يىلى سودا ئۇرۇشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان پۈتۈن بىر يىللىق زىيان بىلەن تەڭلەشكەن.

مەزكۇر دوكلاتنى ئولېر ھېرمېس (Euler Hermes) شىركىتى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى سەۋەبلىك ئالدىنقى يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2009-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن بولۇپ، ھەربىر پەسىلدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 320 مىليارد دوللارلىق زىيان كۆرۈلگەن. ئەمما ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بىر پەسىللىك ئىقتىسادىي زىيان سودا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالدىنقى بىر يىللىق ئومۇمىي زىيان بىلەن تەڭلەشكەن.

بۇلاردىن سىرت، فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايلىق ئىمپورت مىقدارى %4، ئېكسپورت مىقدارى %17.2 تۆۋەنلەپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر 514 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2020 12:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق