خىتايدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 4000غا يەتتى

خىتايدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 4000غا يەتتى
8-مارت خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تېزلىكتە كۆپىيىپ 4000غا يەتكەن.
خەۋەردە خىتايدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 27 كىشى ئۆلۈپ، يېڭىدىن 44 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى، يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 3999غا يەتكەنلىكى، خىتاي تەۋەسىدە يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 80 مىڭ 695كە يەتكەنلىكى، يۇقۇملانغانلىقى گۇمان قىلىنغانلارنىڭ 458گە، ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ 23 مىڭ 74كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، داۋالىنىش ئارقىلىق ساقايغانلار 50 مىڭ 65كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 467 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2020 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق