نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: شاكىر شەمشى

شاكىر شەمشى

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

مەن بۇرۇن تەييارلىغان ئۈچ پارچە ماقالەمدە جەمئىي يەتتە قېرىندىشىمىزنى قىسقىچە تونۇشتۇردۇم.

مېنىڭ چەت ئەلدىكى نەتىجىلىك قېرىنداشلارنى تونۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىم ۋەتەندىكىلەرگە چەت ئەلدە ئوقۇپ، بىرەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ياكى خەلقئارادىكى سەھنىلەردە مۇھىم رول ئېلىپ، «باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ» دېگەن ھەقىقەتكە مىسال بولۇۋاتقان قېرىنداشلارنى قىسقىچە ۋە ئەينەن تونۇشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ۋەتەندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى كۆڭلىگە چوڭ-چوڭ نىشانلارنى تۇرغۇزۇپ، ياخشى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

مەن تونۇشتۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىز تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنىڭ كەم دېگەندە بىرىنى قانائەتلەندۈرگەنلەر: 1. چەت ئەلدە ئوقۇپ، بىرەر يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. 2. چەت ئەلدە ئىشلەپ، بىرەر مۇھىم كەسپىي خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەن. 3. چەت ئەلدە ياكى ئۇيغۇر دىيارىدا كەسپىي جەھەتتە ئالاھىدە نەتىجە قازانغان. مەن ھازىرغىچە بۇنداق مەزمۇنلارنى ئۆزۈم تەييارلىغان باشقا تېمىلاردىكى ماقالىلەرگە قوشۇپ قويغان ئىدىم. ئەمما يېقىندا ئۇنىڭغا قارىغاندا بۇنداق مەزمۇننى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىسام، سەل ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىم بۇ ھەقتىكى يېڭى مەزمۇننى مەزكۇر ماقالىدە ئايرىم تېما قىلىپ يوللىدىم.

مۆلچەرلىشىمچە، چەت ئەللەردە يۇقىرىدىكى ئۈچ شەرتنىڭ كەم دېگەندە بىرىگە چۈشىدىغان قېرىنداشلاردىن بىرەر مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار. ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى شەرتلەرنىڭ كەم دېگەندە بىرسىگە چۈشىدىغان قېرىنداشلارنىڭ بىرەرسىنى بىلسىڭىز، ماڭا شۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى ماڭدۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يېزىپ ماڭدۇرۇپ بەرسىڭىز ياكى ئۇنى ئۆزىڭىز بىۋاسىتە تورلارغا چىقارسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ماڭا ماڭدۇرىدىغان مەزمۇن ئۇيغۇرچە ياكى ئىنگلىزچىنىڭ قايسىسىدا بولسا بولىۋېرىدۇ. شۇنداقلا ئىملا قائىدىسى ۋە گىرامماتىكا جەھەتتىن تەلەپكە ئانچە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇنداق مەسىلىلەرنى مەن ئۆزۈم ئوڭشاپ كېتىمەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلار يۇقىرىقىدەك قېرىنداشلارنى ئىمكانقەدەر تەپسىلىيرەك تونۇشتۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق تەرجىمىھال قانچە تەپسىلىي بولسا شۇنچە ياخشى. مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىز ۋە قوللىشىڭىز ئۈچۈن سىزگە ئالدىنئالا رەھمەت ئېيتىمەن.

بەزى ئۇكىلار مەن تونۇشتۇرىدىغان كىشىلەر چوقۇم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان كىشىلەر بولۇشى كېرەك، دەپ ئويلاپ قاپتۇ. مەن ئۈچۈن سىزنىڭ ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ ئوقۇپ، بىر يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىڭىز ئوقۇغان كەسىپكە لايىق بىر كەسپىي ئورۇنغا ئېرىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارغا قوشقان بىر ئالاھىدە تۆھپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىز ئاشۇنداق بىر ئەمەلىيىتىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدىڭىز. ئۇيغۇرلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىدارە ياكى شىركىتىدىكى چەت ئەللىكلەرگە تونۇتتىڭىز. «باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ» دېگەن ھەقىقەتكە بىر ئىسپات بولۇپ بەردىڭىز. سىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ كۈچىدىن تېخىمۇ تولۇق پايدىلىنىش، شۇنداقلا سىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئارقىلىق بىزنىڭ يېڭى ئەۋلاتلىرىمىزغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئۇلارنى كەلگۈسىدە مىللەت ئۈچۈن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا ئۈندەش ئۈچۈن، مەن سىزنى باشقا ئىنى-سىڭىللارغا تونۇشتۇراي. شۇڭا سىز ماڭا يېقىندىن ياردەملىشىپ بەرسىڭىز. رەھمەت!

يېڭى قېرىنداشلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇشنى ئەمدى باشلايمەن.

 

شاكىر شەمشى (ئامېرىكا)

 

شاكىر شەمشى (ئىنگلىزچە «Shakir Shamshy» دەپ يېزىلىدۇ) 1970-يىلى توقسۇن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1987-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى سىنىپ بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ تەييارلىق بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ بۆلۈم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى يىل تەييارلىق دەرسلىرىنى ئۆگىتەتتى. شاكىر ئىككى يىل ئىچىدە بۇ بۆلۈمدىكى ئوقۇشىنىمۇ سىنىپ بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ، خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەرشارى فىزىكىلىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.

شاكىر شەرقىي تۈركىستاندىن ئىنتايىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇشقا بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدىكى سەۋىيەسى، بولۇپمۇ ئىنگلىزچە سەۋىيەسى سىنىپىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن بەكلا تۆۋەن تۇراتتى (چۈنكى ئۇ ئىنگلىزچىنى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»دا بىر يىللا ئۆگەنگەن ئىدى). شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈردى. نەتىجىدە بىرىنچى يىلىنىڭ ئاخىرى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنگلىز تىلى گىرامماتىكىسى مۇسابىقىسىدە مەكتەپ بويىچە 3-بولدى. ئۇ تېخىمۇ تىرىشىپ، ئىككىنچى يىلى پۈتۈن مەكتەپ بويىچە تاللانغان 39 ماھىرنىڭ بىرى بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1-بولدى. شاكىرنىڭ تىرىشچانلىق ئىش-ئىزلىرى ۋە نەتىجىلىرى مەكتەپ گېزىتى ۋە «خىتاي نېفىت گېزىتى»دە تونۇشتۇرۇلدى. ئۇ قالغان ئىككى يىلدا داۋاملىق تىرىشىپ، مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى.

 1994-يىلى شاكىر بېيجىڭدىكى بىر چەت ئەلنىڭ نېفىت شىركىتىدە ئىشلەش پۇرسىتىنى تاشلاپ، «شىنجاڭ» نېفىت ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى گېئولوگىيەلىك نېفىت چارلاش باشقارمىسىغا بېرىپ ئىشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇ نېفىت ئىزدەشنى لايىھەلەش ئىنژېنېرى بولۇپ ئۈچ يىل ئىشلىدى. كېيىن بىر نېفىت ئىزدەش ئەترىتىگە ئەترەتنىڭ تېخنىكىلىق باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى ۋە بۇ ئورۇندا ئۈچ يىل ئىشلەپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شاكىر ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن توختىماي ئىزدەندى. نەتىجىدە TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، 2000-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەرشارى فىزىكىسى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىندى. ئۇ ئامېرىكىدا تىرىشىپ ئوقۇپ، تەتقىقات نەتىجىسىنى ئامېرىكا يەرشارى فىزىكا ئۇيۇشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئېلان قىلىپ، ئاسپىرانتلىق يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە باشقىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى چوڭ نېفىت شىركىتى شېۋرون (Chevron) گۇرۇھى شاكىرنى يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەندە ئاشۇ شىركەتكە كېلىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى. شاكىر 2003-يىلىنىڭ بېشىدا ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ، يەرشارى فىزىكىسى (گېئوفىزىكا) كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ شېۋرون گۇرۇھىنىڭ نيۇ ئورلىنز (New Orleans) شەھىرىدىكى تارماق شىركىتىدە يەرشارى ئىلمى مۇتەخەسسىسى (Earth Scientist)  بولۇپ خىزمەتكە كىرىپ، بىر نېفىتلىكنىڭ تېخنىكا يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەشنى باشلىدى. 2005-يىلى شاكىر شېۋرون گۇرۇھىنىڭ تېكساس ئىشتاتى ھىيۇستون (Houston) شەھىرىدىكى شېۋرون شىمالىي ئامېرىكا باش شىركىتىگە يۆتكىلىپ، بىر قانچە نېفىتلىككە يەرشارى فىزىكا مۇتەخەسسىسى ۋە پىروگرامما يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلىدى.

 شاكىرنىڭ ياراتقان تېخنىكىلىق نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى قابىلىيىتىنى كۆرگەن شىركەت رەھبەرلىكى 2008-يىلى ئۇنى شېۋرون گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە پىلان بۆلۈمىگە يۆتكەپ، شىركەت لىدېرلىرىنىڭ «قارار چىقىرىش مەسلىھەتچىسى» دېگەن خىزمەت ئورنىغا تەيىنلىدى. بۇ جەرياندا شېۋرون شىركىتى شاكىرنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى تېخىمۇ تېز ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ئۇنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان رايس (Rice) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ «يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى ئىگىلىك باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى (EMBA)» پىروگراممىسىغا ئەۋەتتى. 2011-يىلى شاكىر بۇ ئىگىلىك باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئالغاندىن كېيىن، شېۋروننىڭ يېڭى تېخنىكىلارغا مەبلەغ سېلىش بۆلۈمىگە يۆتكەلدى. شاكىر ھازىر ئاشۇ بۆلۈمنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىشلىرىنىڭ لىدېرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ھازىر شېۋرون شىركىتى تەۋەككۈل مەبلىغى (Venture Capital) سېلىپ باشقۇرۇۋاتقان يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك شىركەتلىرىدىن جەمئىي 36سى بار بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ تېخنىكىلىق بۆلۈملىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر شاكىرنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى يېتەكچىلىكىدە يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇ تېخنىكىلارنى شېۋرون شىركىتىنىڭ ئېھتىياجلىق ساھەلىرىگە يۆتكەۋاتىدۇ.

شېۋرون گۇرۇھى ئامېرىكىدىكى نېفىت شىركەتلىرى ئىچىدە چوڭلۇقتا 2-ئورۇندا، نېفىت-گاز بايلىقىنىڭ زاپىسى مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان خەلقئارالىق چوڭ نېفىت ئېنېرگىيە شىركىتىدۇر. ئۇنىڭ دۇنيادا 180دىن ئارتۇق دۆلەتتە نېفىت بازىسى، شۆبە شىركىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئورنى بار. شاكىر ئامېرىكا يەرشارى فىزىكا بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا نېفىت-گاز ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ يېتەكچىسى بولغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش يەرشارى فىزىكا مۇتەخەسسىسلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. مەن ئىنىمىز شاكىر شەمشىدىن ناھايىتىمۇ پەخىرلىنىمەن.

 مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150213_chetel_uyghur1.htm?fbclid=IwAR3wB4vJJnJAX1Wde347xKQ6MUKhmi5oextDrpqMWuHr_xKoZ_FlcFkMrq4

 

بۇ خەۋەر 9625 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2020 17:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق