شى جىنپىڭنىڭ تۇيۇقسىز ۋۇخەننى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ بۈگۈن ۋابا مەنبەسى بولغان ۋۇخەنگە يېتىپ بارغان بولۇپ، تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.

بۇ قېتىملىق زىيارەت شى جىنپىڭنىڭ ۋابا تارقالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ۋۇخەنگە بېرىشى بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن پەقەت خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭلا زىيارەتكە بارغان.

شى جىنپىڭ ۋۇخەنگە سېلىنغان ۋاقىتلىق دوختۇرخانىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارىتىنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقى، يەنە قەيەرلەرگە بارىدىغانلىقى ئاشكارىلانمىغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى بارا-بارا ئازلىغان. كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىشقا بولغان ئىشەنچىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 397 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2020 13:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق