شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت جەريانىدىكى ساختىلىقلىرى ئاشكارىلاندى

ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان شى جىنپىڭنىڭ ۋۇخەننى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئۇچۇرلار زىيارەت جەريانىدىكى ساختىلىقلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ زىيارەت قىلغان ئولتۇراق رايوندىكى بارلىق ئۆيلەرگە ساقچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ئۆيدىن چىقىشىغا، دېرىزىگە يېقىنلىشىشىغا يول قويمىغان. بۇ ئارقىلىق بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنى نارازىلىق شوئارلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىش ۋەقەسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ ۋۇخەندىكى يېڭىدىن سېلىنغان ۋاقىتلىق دوختۇرخانىنى زىيارەت قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋۇخەن شەھىرىدىكى خىزمەتچىلەر داۋالىنىش ئورنىغىلا بارغانلىقى، بۇ جەرياندا ساختىلىق ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

تاراتقۇلار شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە بۇ زىيارەتنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 400 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2020 13:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق