خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى پەردازلىشى داۋاملاشماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭەش يىغىنىنىڭ 43-نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ۋەكىللىرى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا يالغان-ياۋىداقلار ئارقىلىق ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى ئالاھىدە ئەلچىسى ليۇخۇا تۈنۈگۈن جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرىدە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشىمىغان تەبىر بېرىدىغانلىقىنى، غەربچە كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى باشقا دۆلەتلەرگە زورلاپ تېڭىپ، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ نۆۋەتتىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى بۇرمىلاپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى، كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ زىيارەتكە بېرىپ، ئاتالمىش «ھەقىقىي ئەھۋال»نى كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خوڭكوڭدىكى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ، خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى «زوراۋانلىق» دەپ سۈپەتلىگەن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قارىتا ئىش تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 490 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2020 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق