خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئارقىمۇ ئارقا تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارالىق چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۈگۈن تور ئاخباراتى ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان 20 شىركەت ۋە ھۆكۈمەت ئورگىنىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي تور بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان.

12-مارت بولسا «خەلقئارا تور تەكشۈرۈشكە قارشى تۇرۇش كۈنى» (World Day Against Cyber Censorship) بولۇپ، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ ئالاھىدە كۈندە بۇ يىللىق ئەڭ دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا خىتاي تور بىخەتەرلىكى ئىشخانىسىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۈندىدار، بەيدۇ، ۋېيبو ۋە دوۋيىن قاتارلىق تور سۇپىلىرىدىكى مەزمۇنلارنى توسۇپ ياكى ئۆچۈرۈپ كەلگەنلىكى، ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان «پىتنە-ئىغۋاغا قارشى تۇرۇش» باھانىسى بىلەن نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى»، «يۇقۇملىنىش» دېگەنگە ئوخشاش ۋاباغا ئالاقىدار سۆزلەرنى ۋە شى جىنپىڭغا قارشى دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى سەزگۈر سۆز قاتارىدا چەكلىۋەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇلاردىن سىرت ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تۈنۈگۈن 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي، ئىران، ۋېنېسۇئىلا ۋە كۇبا قاتارلىق تۆت دۆلەتنى تىلغا ئېلىپ تەنقىد قىلغان.

مايك پومپېيو سۆزىدە خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خىتاي پائالىيەتچىلىرى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم توختالغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليوندىن ئارتۇق  مۇسۇلمان خەلقنى جازا لاگېرىغا قامىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنى «بۇ ئەسىردىكى داغ» دەپ سۈپەتلىگەن.

خەۋەردە ئامېرىكىنىڭ بۇ دوكلاتىنىڭ دەل خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىۋاتقان پەيتتە ئېلان قىلىنغانلىقى، خىتاينىڭمۇ ئۇزۇنغا قالماي بۇنىڭغا قارشى «ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى»نى ئېلان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 544 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2020 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق