خىتاي باياناتچىسى: ۋۇخەن ۋىرۇسىنى ئامېرىكا تارقاتقان بولۇشى مۇمكىن

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تۈنۈگۈن تىۋىتتېر ھېساباتىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنى ئامېرىكىنىڭ تارقاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پۇرىتىپ ئۆتكەن.

نۆۋەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە خىتاينى ئەيىبلەش سادالىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن. ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبراين (Robert O'Brien) چارشەنبىدىكى سۆزىدە خىتاينى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ دەسلەپتىلا ۋابانى ياخشى كونترول قىلمىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك پۈتۈن دۇنيادا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىككى ئاي كېچىكىپ كەتكەنلىكنى بىلدۈرگەن.

جاۋ لىجيەن تۈنۈگۈن تىۋىتتېر ھېساباتىدا ۋىرۇسنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ۋۇخەنگە ئاپارغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما بۇ سۆزىگە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇس مەنبەسى بولغان ۋۇخەن شەھىرىنى 2-يانۋار پۈتۈنلەي تاقىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاندىن خىتاي ساياھەتچىلىرىگە چەكلىمە قويغان. تەنقىد قىلغۇچىلار تىرامپنىڭ ۋىرۇسنىڭ خەتىرىنى ئىزچىل كىچىك كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ كېچكىپ كەتكەنلىكنى ئەيىبلىگەن.

بۇ خەۋەر 526 قېتىم كۆرۈلدى
13/03/2020 13:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق