خىتايدىكى دىنىي جامائەتلەر: ئاز ئىئانە قىلساق ۋەتەننى سۆيمىگەن دەپ قارىلىمىز

زىمىستان تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلار ئىزچىل ھالدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتايدىكى بەش چوڭ دىنىي تەشكىلاتنى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك ئىئانىلەرگە مەجبۇرلاپ كەلگەن بولۇپ، ئاز تاپشۇرۇپ قالغانلار ۋەتەننى سۆيمىگەن دەپ قارىلىپ، ئاشكارا تەنقىد قىلغان. بۇ قېتىملىق ۋابا مەزگىلىدىلا ئۇلارنىڭ توپلىغان ئىئانىسى 43 مىليون دوللارغا يەتكەن.

بىر قىسىم مەسئۇللار بۇ ھەقتە زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ھەرئايدا دېگۈدەك ئىئانە قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ پۇللارنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى نامراتلارنى يۆلەشنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسىنى دىنىي جامائەتلەرگە ئارتىپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى دىنىي تەشكىلاتلارنى قىيىنچىلىقى بولۇشىغا قارىماي ساخاۋەت ئىشلىرىغا مەجبۇرلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندا دىن تارقىتىشىغا، تەشۋىق قىلىشىغا قانۇنىي چەكلىمە قويغان.

بۇلاردىن سىرت ئالدىنقى ئايدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار توپلىغان ئىئانە سوممىسىنى قەستەن ئاز كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولغانلىقى، ۋابا مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلام دىنىغا قارىتا ئۆچمەنلىك تارقاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 418 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2020 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق