مۇتەخەسسىسلەر: خىتايدىكى يۇقۇم ئەھۋالى قايتىدىن ئېغىرلىشىشى مۇمكىن

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى قامالنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى سەۋەبلىك يۇقۇمنىڭ قايتىدىن كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم گېرمانىيە پۇقرالىرى خىتاينىڭ تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس لوتار ۋىلېر (Lothar Wieler) خىتايدا پۈتۈن خەلقنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى سەۋەبلىك، يۇقۇمنىڭ قايتىدىن كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما قاچان، قايسى دەرىجىدە بولىدىغانلىقى نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇندىن باشقا ئامېرىكىلىق يۇقۇملۇق كېسەل مۇتەخەسسىسى ئانتونى فاسىمۇ (Anthony Fauci) مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوخشاشلا بۇ پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە يۇقۇمنىڭ ئاز دېگەندە نەچچە ئاي داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىن باشقا جايلىرىدا قاتناش ۋە خىزمەتلەر ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 445 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2020 11:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق