خىتاي دائىرىلىرى چەتئەلگە قارشى تەشۋىقاتىنى ئازايتىشقا ھەرىكەت قىلماقتا

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تاراتقۇلاردا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان چەتئەلنى «ئالۋاستىلاشتۇرۇش» ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان.

خىتايدىكى ۋابانىڭ پەسىيىشى، بۇنىڭ ئەكسىچە خەلقئارادا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېزلىكتە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي تاراتقۇلىرىدا باشقا دۆلەتلەرنى سەت كۆرسىتىدىغان، ئۇلارنىڭ يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلىرىنى كەمسىتىدىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولىدىغان مەزمۇنلار كۆپلەپ تارقالغان. خىتاي ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئورگان تاراتقۇسى بولغان «خىتاي ياشلار گېزىتى» تۈنۈگۈن مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە ھەرقايسى تاراتقۇلار ۋە شەخسلەر چەتئەلنى «ئالۋاستىلاشتۇرۇش» مەقسىتىدىكى مەزمۇنلارنى تارقاتماسلىققا چاقىرىق قىلىنغان.

گەرچە خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ۋەزىيەتنىڭ كونترول قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى نومۇس قىلماستىن «دۇنيا خىتايغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك»، «ۋىرۇسنى ئامېرىكا تارقاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېگەنگە ئوخشاش ھەيران قالارلىق سۆزلەرنى تارقاتقان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ۋىرۇسنىڭ ئەسلى جاۋابكارى بولغان خىتاي پۇقرالىرىدا ئۆز جىنايىتىنى ئۇنتۇش، ۋابا ئاپىتىگە ئۇچراۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولۇشقا ئوخشاش بىنورمال كەيپىيات شەكىللىنىشكە باشلىغان.

خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خەۋەرنى تارقىتىش ئارقىلىق، ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا ئالاقىدار سۈركىلىشلەرنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 491 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2020 11:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق