يۇقۇملۇق كېسەل مۇتەخەسسىسى: خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ

ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان ۋابا مەنبەسى بولغان خىتاينىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكى تاراتقۇلاردا ئىزچىل تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن بولۇپ، گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس كىرىستيان دىروستېن (Christian Drosten) بۇ قاراشنى يەنە بىر قېتىم كۈچلەندۈرگەن.

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق يۇقۇملۇق كېسەل مۇتەخەسسىسى دەپ قارىلىۋاتقان دىروستېن بۇ ھەقتە توختىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا خىتاينىڭ يولغا قويغان تەدبىرىنى ئۆز پېتى قوللىنىشنى توغرا تاپمايدىغانلىقىنى، گەرچە خىتايدا يۇقۇم ئەھۋالى پەسەيگەن بولسىمۇ، ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا قايتىدىن كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ بۇ ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نۆۋەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى، يېڭىدىن يۇقۇملانغانلارنىمۇ چەتئەلدىن كىرگەن دەپلا قۇتۇلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 488 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2020 12:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق