تۈركىيە بايلىرىنىڭ تىزىملىكى

بۇ يىل 1-مارت تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. بۇ تىزىملىكنى مەركىزى ئامېرىكىغا جايلاشقان  فوربېس (FORBES) ژۇرنىلى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ژۇرنال 16 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن. بۇ ژۇرنال ئەڭ چوڭ بايلارنى ئۇلارنىڭ مۇقىم مۈلكى، نەق پۇلى، باھا، كىرىم... قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن رەتكە تۇرغۇزىدۇ.

فوربېس ژۇرنىلىنىڭ ئېنىقلىشىچە، 2017-يىلى تۈركىيەدىكى مىلياردېرلار جەمئىي 40 كىشى بولۇپ، بۇ سان 2019-2020-يىلىغا كەلگەندە ئازلاپ 29 غا چۈشۈپ قالغان. بۇ مىلياردېرلارنىڭ ئىقتىسادى 2017-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا جەمئىي 21.5 مىليارد دوللار ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ 100 بېيىنىڭ قولىدىكى جەمئىي ئىقتىساد 99.9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.

 بىز تۆۋەندە تۈركىيەنىڭ 2019-2020-يىلىدىكى ئەڭ باي 100 مىلياردېرىدىن 20 مىلياردېرنى رەت تەرتىپى بويىچە دىققىتىڭلارغا سۇندۇق:

1. ئەرمان ئىلىجاك  (Erman Ilıcak)، مال-مۈلكى 3.8 مىليارد دوللار.

ئەرمان ئىلىجاك رۆنېسانس ھولدىڭ (Rönesans Holding)نىڭ باشلىقى بولۇپ، رۆنېسانس ھولدىڭ 1993-يىلى ئەرمان ئىلىجاك تەرىپىدىن رۇسىيەنىڭ سانتپېتىربۇرگ شەھىرىدە قۇرۇلغان. بۇ شىركەت قۇرۇلۇش، ئۆي-مۈلۈكچىلىك، ئېنېرگىيە... قاتارلىق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

2. مۇرات ئۈلكەر (Murat Ülker)، مال-مۈلكى 3.7 مىليارد دوللار.

مۇرات ئۈلكەر يىلدىز پاي چېكى ھولدىڭنىڭ (Yıldız Holding) باشلىقى بولۇپ، يىلدىز ھولدىڭ 1944-يىلى ئۈلكەر نامى بىلەن قۇرۇلغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى پېچىنە-پىرەنىك ئىشلەپچىقارغان شىركىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 3. ھۈسنۈ ئۆزيېغىن (Hüsnü Özyeğin)، مال-مۈلكى 2.1 مىليارد دوللار.

ھۈسنۈ ئۆزيېغىن فىبا ھولدىڭنىڭ (Fiba Holding) باشلىقى بولۇپ، فىبا ھولدىڭ 1987-يىلى ھۈسنۈ ئۆزيېغىن تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ شىشلى رايونىدا قۇرۇلغان. بۇ شىركەت مالىيە، پارچە سېتىش، ئاخباراتچىلىق، ئېنېرگىيە، خېمىيەلىك بۇيۇملار، تېلېگراف، قۇرۇلۇش ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ... قاتارلىق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

4. ئوسمان كىبار(Osman Kibar) ، مال-مۈلكى 2.1 مىليارد دوللار.

ئوسمان كىبار سامۇمېد (Samumed) شىركىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، سامۇمېد شىركىتى ئوسمان كىبار تەرىپىدىن 2008-يىلى ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان دىئېگو شەھىرىدە قۇرۇلغان. بۇ شىركەت دورىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى ئېنىقلاش، تەتقىق قىلىش... قاتارلىق ساھەلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

5. فېرىت شاھېنك (Ferit Şahenk)، مال-مۈلكى ئىكككى مىليارد دوللار.

فېرىت شاھېنك دوغۇش ھولدىڭنىڭ (Doğuş Holding) باشلىقى بولۇپ، دوغۇش ھولدىڭ ئايخان شاھېنك تەرىپىدىن 1951-يىلى ئىستانبۇلنىڭ شىشلى رايونىدا قۇرۇلغان. بۇ شىركەت تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى پاي چېكى شىركىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

6. سەماھات ئارسېل(Semahat Arsel) ، مال-مۈلكى ئىككى مىليارد دوللار.

 سەماھات ئارسېل كوچ ھولدىڭنىڭ (Koç Holding) ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ، ۋەھبى كوچنىڭ قىزىدۇر. كوچ ھولدىڭ 1926-يىلى ئىستانبۇلنىڭ ئۈسكۈدار رايونىدا ۋەھبى كوچ تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ماشىنا، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە... قاتارلىق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

7. ئاھمەت چالىك(Ahmet Çalık) ، مال-مۈلكى 1.9 مىليارد دوللار.

 ئاھمەت چالىك چالىك ھولدىڭنىڭ (Çalık Holding) قۇرغۇچىسى بولۇپ، چالىك ھولدىڭ 1997-يىلى ئاھمەت چالىك تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان. بۇ شىركەت توقۇمىچىلىق، ئېنېرگىيە، مالىيە، قۇرۇلۇش ۋە تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەردە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

8. فىلىز شاھېنك(Filiz Şahenk) ، مال-مۈلكى 1.9 مىليارد دوللار.

 فىلىز شاھېنك دوغۇش ھولدىڭنىڭ (Doğuş Holding) قۇرغۇچىسى ئايخان شاھېنكنىڭ قىزى بولۇپ، 1992-يىلى قۇرۇلغان ئايخان شاھېنك ۋەقفىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

9. راھمى كوچ (Rahmi Koç)، مال-مۈلكى 1.9 مىليارد دوللار.

 راھمى كوچ كوچ ھولدىڭنىڭ (Koç Holding) قۇرغۇچىسى ۋەھبى كوچنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بولۇپ، تۈركىيەدىكى تونۇلغان ئەڭ داڭلىق كىشىلەردىن بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

10. مەلىھ ئابدۇلھاي ئوغلى (Melih Abdulhayoğlu)، مال-مۈلكى 1.8 مىليارد دوللار.

 مەلىھ ئابدۇلھاي ئوغلى كومودو (Comodo) گۇرۇھىنىڭ باشلىقى بولۇپ، كومودو گۇرۇھى 1998-يىلى مەلىھ ئابدۇلھاي ئوغلى تەرىپىدىن ئامېرىكا نيۇجېرسېي ئىشتاتىنىڭ كىلىفتون شەھىرىدە قۇرۇلغان. بۇ شىركەت كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ۋە SSL رەقەملىك گۇۋاھنامە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئالاھىدە شىركەت.

11. سۇئات گۈنسەل  (Suat Günsel)، مال-مۈلكى 1.8 مىليارد دوللار.

ياكىن دوغۇ ئۇنىۋېرسىتېتى (Yakın Doğu Üniversitesi).

12. نىھات ئۆزدەمىر (Nihat Özdemir)، مال-مۈلكى 1.7 مىليارد دوللار.

 لىماك ھولدىڭ  (Limak Holding)

 13. سەزائىي باجاكسىز  (Sezai Bacaksız)، مال-مۈلكى 1.7 مىليارد دوللار.

 لىماك ھولدىڭ  (Limak Holding)

 14. سۇنا كىراچ (Suna Kıraç ) ، مال-مۈلكى 1.7 مىليارد دوللار.

 كوچ ھولدىڭ  (Koç Holding)

15. بۈلەنت ئەجزاجىباشى  (Bülent Eczacıbaşı)، مال-مۈلكى 1.6 مىليارد دوللار.

 ئېجزاجىباشى ھولدىڭ  (Eczacıbaşı Holding)

16. ھامدى ئۇلۇكايا  (Hamdi Ulukaya)،  مال-مۈلكى 1.6 مىليارد دوللار.

 چوبانى يوغۇرت  (Chobani Yoghurt)

 17. تۇرگاي جىنەر (Turgay Ciner ) ، مال-مۈلكى 1.6 مىليارد دوللار.

 پارك ھولدىڭ (Park Holding)

 18. فارۇك ئەجزاجىباشى (Faruk Eczacıbaşı) ، مال-مۈلكى 1.5 مىليارد دوللار.

 ئەجزاجىباشى ھولدىڭ(Eczacıbaşı Holding)

19. مەھمەت ئالى ئايدىنلار  (Mehmet Ali Aydınlar)، مال-مۈلكى 1.4 مىليارد دوللار.

 ئاجىبادەم (Acıbadem)

20. مۇرات ۋارگى (Murat Vargı)، مال-مۈلكى 1.3 مىليارد دوللار.

 م ۋ ھولدىڭ (MV Holding)

 

 تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 1186 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2020 18:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق