تۈركىيە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋىرۇسقا ئالاقىدار مۇھىم قارار چىقاردى

 بۈگۈن تۈركىيە دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ئەلى ئەرباش (Ali Erbaş) تېلېۋىزوردا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق چوڭ-كىچىك مەسچىتلەردە جۈمە نامىزى ۋە باشقا نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ نامازلىرىنى ئۆز ئۆيلىرىدە ئايرىم ئوقۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئەلى ئەرباشنىڭ بۇ باياناتى تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن خەۋەر قاناللىرىدا بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

 ئەلى ئەرباش سۆزىدە: «كورونا (ۋۇخەن) ۋىرۇسى كىشىلەر يىغىلغان جايلاردا ئادەمدىن ئادەمگە ناھايىتى تېزلا تارقىلىدۇ. ئەگەر داۋاملىق توپلىشىپ ناماز ئوقۇغاندا، ئىبادەت قىلغاندا ۋىرۇسنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جامائەت ئىچىدە تارقىلىش ئېھتىماللىقى بار. ھازىر دۆلىتىمىزدە بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا قارشى ئالاھىدە تەدبىرلەر قوللىنىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ بۇ پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتنى نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ» دېدى.

 ئۇ سۆزىدە يەنە ۋىرۇسنىڭ تەھدىتى ئۆتۈپ كەتكۈچە چوڭ-كىچىك بارلىق مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇپ، ئىبادەت قىلغۇسى بارلارغا مەسچىتلەرنىڭ بۇرۇنقىدەك داۋاملىق ئوچۇق تۇرىدىغانلىقىنى، پەقەت توپلىشىپ جامائەت بولماي، ئۆز ئالدىغا ئايرىم ناماز ئوقۇسا ۋە باشقا ھەرقانداق ئىبادەتلىرىنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

بۇ خەۋەر 13174 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2020 20:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق