خىتاي دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يالغان خەۋەر تارقىتىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىتالىيە تاراتقۇلىرى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىتالىيەگە ئالاقىدار يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ۋە جاۋ لىجيەن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تىۋىتتېردا بىر قىسىم ئىتالىيە پۇقرالىرىنىڭ ياڭراتقۇدا خىتاينىڭ دۆلەت مارشىنى قويۇپ، «خىتايغا رەھمەت» دەپ توۋلاشقان بىر سىننى تارقاتقان. ئەمما سىندىكى خىتاي دۆلەت مارشىنىڭ سىرتتىن قوشۇلغانلىقى بايقىلىپ قالغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ئىتالىيەگە ئەۋەتكەن بۇيۇملارنىڭ ساندۇقىغا «قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى» دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، ماسكا ۋە دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىدىن باشقا نەرسىلەرنى ئەمەلىيەتتە خىتاي ياردەم قىلغان بولماستىن، بەلكى ئىتالىيە ھۆكۈمىتى سېتىۋالغان ئىكەن.

ئىتالىيە تاراتقۇلىرى خىتاي دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھازىرچە بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

بۇ خەۋەر 761 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2020 13:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق