چەت ئەلدىكى خىتايلار تۈركۈملەپ قايتىشقا باشلىدى

يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى خىتاينىڭكىدىن تۇنجى قېتىم ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان خىتايلار تۈركۈملەپ خىتايغا قايتىشقا باشلىغان.

ب ب س تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، قايتىپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەردە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان خىتايلارنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىغان. بۇندىن سىرت خىتاينىڭ ۋابانى كونترول قىلغانلىقىغا ئالاقىدار تەشۋىقاتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، قايتىپ كەتكەنلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان. بۇ سەۋەبلىك بېلەت سېتىۋېلىشمۇ تەسلىشىپ، باھاسى ھەسسىلەپ ئۆرلەپ كەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئوخشىمىغان جايلاردا 14 كۈن كۆزىتىلىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا كەتكەن چىقىمنى پۇقرالارنىڭ ئۆزلىرى كۆتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قايتىش دولقۇنى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنى يېڭى تەشۋىقات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ ۋابا مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرگەن «نەتىجىلىرى ۋە تۆھپىلىرى» كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 467 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2020 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق