جۇڭشىڭ شىركىتى پارىخورلۇق قىلمىشى بىلەن تەكشۈرۈلمەكتە

16-مارت ۋال كوچىسى ژۇرنىلى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ جۇڭشىڭ گۇرۇھى پارىخولۇق قىلمىشىغا چېتىلىپ، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

خەۋەردە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ جۇڭشىڭنى چەت ئەل ئەمەلدارلىرىغا پارا بېرىش قىلمىشى بارلىقى سەۋەبلىك تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشكە باشلىشى سەۋەبلىك خىتاينىڭ بۇ تېلېگراف ماگناتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جىنايى جازاغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تەكشۈرۈشتە ئالدى بىلەن جۇڭشىڭ شىركىتىنىڭ 2017-يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىمنى بۇزغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، خىتايمۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازاسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

جۇڭشىڭنىڭ 2018-يىلى كېلىشىمدە بېكىتىلگەن تۈزىتىش تەدبىرلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن نازارەتچى يەنە ئىككى يىل تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىركىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئامېرىكىنىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ چىرىكلىشىشنى ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا خىلاپ ئىكەن.

بۇ خەۋەر 551 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2020 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق