خىتاي ۋىرۇس باھانىسى بىلەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ توپلىغان

16-مارت ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋىرۇس باھانىسى بىلەن يېڭىدىن شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش چارىلىرىنى يولغا قويغان.

خىتاي كەم دېگەندە 15 ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىش ۋە ئىشلىتىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپەيتكەن. شۇنداقلا چىراي تونۇش ۋە تېلېفون سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق پۇقرالارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.

نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىشخانا بىناسى، سودا-ساراي، تۇرالغۇ ۋە مېترو قاتارلىق جايلاردا كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ياكى شەخسىي ساياھەت خاتىرىسىگە ئالاقىدار جەدۋەلنى تولدۇرۇشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرتۈشى تەلەپ قىلىنغان. بەزى جايلاردا ئاھالىلەر تېڭشۈن ياكى ئەلى بابا شىركىتىنىڭ ئەپ دېتالىدىن پايدىلىنىپ ساغلاملىق نومۇرى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي تاراتقۇلىرى يېقىندا يەنە چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىپ، سىرتتىن كىرگەن كىشىلەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

بىر قىسىم تەنقىدچىلەر خىتايدىكى ۋابانى تەبىئىي ئاپەت دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەب بولغۇچىنىڭ دەل خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، «ئالدىنى ئالغىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدۇ»، «ئادەمدىن ئادەمگە تارقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى» دېگەندەك كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشىغا، ۋابانىڭ دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتكە تارقىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

بۇ خەۋەر 585 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2020 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق