نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئۈچ تاراتقۇ ئورگىنىنىڭ مۇخبىرلىرىنى خىتايدىن قوغلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خىتاي دائىرىلىرى باياناتىدا نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ۋال كوچىسى گېزىتى ۋە ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئون كۈن ئىچىدە مۇخبىرلىك كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بۇندىن كېيىن خىتايدا (خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قايتىدىن خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇندىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ ئورگان تاراتقۇسىغا كەڭ كۆلەملىك خادىم قىسقارتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ قېتىملىق قارارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىنى چەكلەش ھەرىكىتىگە قارشى قوللانغان زۆرۈر تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن بۇرۇن بىر قىسىم مۇخبىرلارنى خىتايدىن قوغلاپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق زور كۆلەمدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەش قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتنى چۆچۈتكەن ۋە ئۇلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.