خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتايدىن قوغلانغان چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىنى تەكشۈرمەكچى بولغان

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ چەت ئەل تاراتقۇ ئورگانلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش قارارىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان بۇ قېتملىق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى جوشۇا روسېنزۋېگ (Joshua Rosenzweig) قوغلاپ چىقىرىلغان بۇ مۇخبىرلارنىڭ ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلار دەل ۋۇخەن ۋىرۇسىنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكچى بولغان بىر پەيتتە خىتاي تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن خىتايدىكى ۋىرۇسقا ئالاقىدار ھەقىقىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان قارارىدا نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى ۋە ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بارلىق مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىلا ئەمەس، بەلكى خوڭكوڭدا خىزمەت قىلىشىنىمۇ چەكلىگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم دەپسەندە قىلغانلىقىنى، بۇ قىلمىشىنىڭ خوڭكوڭ نېگىزلىك قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 799 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2020 12:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق