گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭلۇق نوپۇزلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىك مۇتەخەسسىسى يۈەن گويۇڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈۋەتكەن.
پىروفېسسور يۈەن گويۇڭ ماقالىسىدە ۋىرۇس تۇنجى بايقالغان جاينىڭ خىتايدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئىكەنلىكىنى، «ئامېرىكا تارقاتقان» دېگەن سۆزنىڭ قىلچىلىك ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى، خىتايلاردىكى قالاق ئادەتلەرنىڭ ۋىرۇسنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ ماقالىسىدە يەنە سارس ۋىرۇسىدىن ئىبرەت ئالمىغانلىقتىن ھازىرقى ۋابانىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى، ئەگەر خىتايلار رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلمىسا، ئون نەچچە يىلدىن كېيىن يەنە يېڭىدىن ۋىرۇس پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كېچىكىپ ئىنكاس بىلدۈرگەنلىكىنىمۇ تەنقىد قىلغان.
ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خوڭكوڭدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، كۆرۈلۈش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. ئەمما يۈەن گويۇڭنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ماقالىسىنى قايتۇرۇۋېلىشى قايتىدىن غۇلغۇلا قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان. كۆزەتكۈچىلەر يازغۇچىنىڭ سىياسىي بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكتىن بۇ قارارغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ۋابانىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ۋىرۇسنىڭ ئۆزلىرىدىن تارقالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان بۇ جىنايىتىدىن تېنىۋېلىپ، ئامېرىكىغا ئارتىپ قويۇشقا ۋە بۇنىڭغا قارشى ئاۋازلارنى باستۇرۇشقا باشلىماقتا.