خىتاي ۋۇخەندە مۇخبىرلارغا قاتتىق چەكلىمە قويدى
زىمىستان تورىنىڭ 19-مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋۇخەندە مۇخبىرلارغا قاتتىق چەكلىمە قويۇپ، ماسلاشمىغان مۇخبىرلارنى جازالىغان.
خەۋەردە مۇخبىرلار خىتاي كوممۇنىستلىرىنى تېگىپ كەتسىلا غالجىرلىشىدىغان ئالۋاستىغا ئوخشاتقان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىرلارغا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ھەرخىل چەكلىمىلەرنى قويغانلىقى، مۇخبىرلارنىڭ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى ۋە ئۇ يەردىكى خىزمەتچىلەرنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ۋۇخەندىكى يەرلىك تەشۋىقات ئورگانلىرى تاراتقۇلارغا «خۇبېيغا ياردەم بېرىش» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەسلىك، تەلەپ قىلىنغان مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق بىر نەچچە ئالاھىدە تەلەپ قويغان. يەرلىك خىتاي دائىرىلىرى تارقاتقان بارلىق ھۆججەت ۋە ئۇقتۇرۇشلارنى ئاشكارىلاشنى چەكلىگەن. دائىرىلەر تارقاتقان ھۆججەتلەر ئالاھىدە بېكىتىلگەن مەخپىي خادىملار تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەن. خىتاي بارلىق مۇخبىرلارنڭ خىتاينىڭ سىياسىي يۆنىلىشىدىن خەۋەردار بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي سىياسىتىگە قارشى خەۋەر يازغان مۇخبىرلار بولسا جازالانغان.