خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلىرىدا قارا بوران چىققان بولۇپ، بەزى جايلاردا شامال كۈچى 11 بالغا يەتكەن.
بوران سەۋەبلىك كۆپلىگەن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆي-ماكانسىز قالغان.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ يەنجىڭ، توڭجوۋ، فاڭشەن، پىڭگۇ قاتارلىق رايونلىرىدا، خېبېينىڭ باۋدىڭ، لاڭفاڭ، ساڭجۇ، شىجاجۇاڭ، چىنخۇاڭداۋ قاتارلىق جايلىرىدا، تيەنجىڭنىڭ ۋۇچىڭ، بېيچېن، جىننەن قاتارلىق جايلىرىدا ئارقىمۇئارقا زور كۆلەمدىكى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ۋە پۇقرالار كېچىلەپ ئوت ئۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
بوران سەۋەبلىك ئوت تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەچكە، ئوت ئۆچۈرۈش قىيىنغا توختىغان. بېيجىڭنىڭ پىڭگۇ رايونى شەندۇڭجۇاڭ بازىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىگىلا 300دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرگۈچى، 37 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ئەۋەتىلگەن.
ئوت ئاپىتىگە شاھىت بولغان خىتاي پۇقرالار ئىختىيارسىز: «ۋابا تارقىلىۋاتىدۇ، ئەمدى ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولىدىغان ئوخشايدۇ» دېيىشكەن.