خىتاي شىركىتى ماسكىغا قارشى چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى

مالىيە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خەنۋاڭ شىركىتى ماسكىلىق چىراينى تونۇش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ۋابا سەۋەبلىك پۇقرالارنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ماسكا تاقىشى خىتاي دائىرىلىرىگە يېڭى باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ بەرپا قىلغان نازارەت قىلىش سىستېمىسى كۈتكىنىدەك كارغا كەلمەي قالغان.
خەنۋاڭ شىركىتىنىڭ ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كامېراسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، گەرچە نورمال چىراينى توغرا تونۇش نىسبىتى %99.5كە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ماسكا تاقىغان ئەھۋال ئاستىدا توغرىلىق نىسبىتى %50كە چۈشۈپ قالغان.
نۆۋەتتە خەنۋاڭ شىركىتى ماسكا تاقىغان ھالەتتىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىشلەيدىغان چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، توغرىلىق نىسبىتى %95كە يەتكەن.
شىركەت مەسئۇلى بۇ تېخنىكىنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارغا ئىشلىتىش-ئىشلىتىلمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، شىركەتنىڭ بۇ تېخنىكىسىنىڭ ئاساسلىق ئاممىۋى سورۇنلاردىكى كىرىش ئېغىزىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 561 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2020 22:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق