نامسىز تەكلىپ خېتى خىتاي ھاكىمىيىتى ھەققىدىكى تۈرلۈك پەرەزلەرگە سەۋەب بولدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سىياسىي بىيۇروسىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرىق قىلغان بىر يازما تور دۇنياسىدا كۆپلەپ تارقالغان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى سىياسىي كۈرەشلەر ھەققىدە تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

مەزكۇر ئوچۇق خەتنى ياڭگۇاڭ تېلېۋىزىيەسى گۇرۇھىنىڭ باشلىقى چېن پىڭ (陈平) ئۈندىدار سۇپىسىدا تارقاتقان بولۇپ، خەتتە جىددىي يىغىن چاقىرىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى ئورنىدا داۋاملىق تۇرۇۋېرىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

تەكلىپ خېتىدە «پارتىيە ئۈستۈنمۇ ياكى ئاساسىي قانۇنمۇ؟ ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۆلەتنى بېيىتىش كېرەكمۇ، خەلقنىمۇ؟ مۇقىملىقنى دەپ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلارنى قۇربان قىلىش كېرەكمۇ؟ مۇستەقىل تاراتقۇلارغا يول قويۇش كېرەكمۇ؟ ئەدلىيە مۇستەقىل بولۇشى كېرەكمۇ؟ پارتىيە بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىلىشى كېرەكمۇ؟ ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكى ئاشكارىلىنىشى كېرەكمۇ؟ تەيۋەن مەسىلىسىدە تىنچلىق مۇھىممۇ، بىرلىكىمۇ؟ خوڭكوڭنىڭ تەرەققىياتى مۇھىممۇ، كومپارتىيەنىڭ نوپۇزىمۇ؟» قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر خەتتە يەنە يىغىن جەريانىدا لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق ئۈچ كىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يىغىنغا باشچىلىق قىلىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شۇنداقلا بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئەينى يىللىرى تۆت كىشىلىك گۇرۇھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن قېلىشمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر خەت نامسىز يېزىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئىنتايىن قاتتىق بولغان ئۈندىداردا تارقىلالىشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغان. بىر قىسىم كىشىلەر بۇ خەتنى خوڭكوڭدا تۇرۇۋاتقان چېن پىڭنىڭ چەتئەلدىكى ھېساباتى ئارقىلىق تارقاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا پەقەت چەتئەلدىكىلەرنىڭلا كۆرەلەيدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي تەۋەسىدە كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەزكۇر خەتنى تارقاتقۇچى چېن پىڭ يازغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت تارقىتىپ قويغانلىقىنى، بۇ خەتنىڭ ھاكىمىيەت ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىكىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ نامسىز خەتكە ئەستايىدىل قاراشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 543 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2020 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق