خىتاينىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەققىدە تۈرلۈك تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا

بۈيۈك دەۋر تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارادىكى بىر قىسىم قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەققىدە تۈرلۈك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي كومپارتىيەسىنى ئەرز قىلىش تەرەپدارلىرىدىن بىرى ئىسرائىلىيەلىك ئادۋوكات نىتسانا دارشان (Nitsana Darshan-Leitner) ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ كەچۈرۈمگە ئېرىشىش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ يەنىلا ئۇلارنى ئەرز قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاينىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋىرۇسنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى مەخپىي تۇتۇش ھوقۇقى يوقلۇقىنى، پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كېتىشىدىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ چوقۇم سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بېرمان مۇخبىرلار گۇرۇھى نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئۈستىدىن ئورتاق ئەرزنامە سۇنۇپ بولغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، ۋىرۇسنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنى خەلقئارالىق سودا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنە بەزىلىرى خىتاينىڭ خەلقئارالىق سەھىيە كېلىشىمنامىسىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. يەنە بەزىلىرى بولسا خىتاينىڭ بىيولوگىيەلىك قورال ساقلاشقا چېتىشلىق بولۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇلاردىن سىرت يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى يالغان ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەپ، خەلقئارالىق سوتقا سۇنۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. مەسىلەن: خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارىنىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئارتىپ قويۇشقا ئوخشاش دەلىلسىز سۆزلىرىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە شىددەت بىلەن كۆپىيىشى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش سادالىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە.

بۇ خەۋەر 434 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2020 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق