خىتاي خەلقئارادىكى تەشۋىقاتىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماقتا

يېقىندا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارادىكى ئوبرازىنى پەردازلاش ئۈچۈن چەتئەلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ياللاپ، تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

ئالدىنقى ئاينىڭ باشلىرىدا ئىتالىيە قاتارلىق بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بىر بۆلۈك خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مەن ۋىرۇس ئەمەس، بىر ئىنسان» دەپ خەت يېزىلغان تاختىنى كۆتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ قۇچاقلاپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغان كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقالغان، بولۇپمۇ خىتاينىڭ چەتئەلدىكى تاراتقۇلىرى بۇلارنى كۆپلەپ تارقاتقان.

ئەمما يېقىندا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم  بولۇشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ياللانغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، تەلەپ بويىچە كۈنىگە ئىككى سائەت تۇرۇپ بەرسە، 60 ياۋرو ھەق بېرىلىدىغانلىقى، ئەمما چوقۇم سىنغا ئېلىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئۇلارغا قۇچاق ئاچقانلىقى، ئەمما ھازىر ئىتالىيەنىڭ ۋابا ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر جايغا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەر كۆپلەپ تارقىلىشقا باشلىغان.

بۇلاردىن سىرت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياللانما تور قوشۇنى ئارقىلىق، چەتئەلدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ پۈتۈنلەي كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتكەنلىكى، ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پۇقرالار بىلەن كارى بولمىغانلىقى، يەنىلا خىتاينىڭ ئەڭ بىخەتەر جاي ئىكەنلىكىگە ئوخشاش يالغان ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

بۇ خەۋەر 564 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2020 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق