خىتاينىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى داۋاملىق يوشۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بايقالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئىزچىل يالغان ئېيتىپ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن خەلقئارالىق تاراتقۇلار بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىغان.

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم يازمىلاردا ۋە تارقالغان ئۇچۇرلاردا خىتايدا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋاملىق چىقىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك يېڭىدىن بايقالغانلارنىڭ خەۋەر قىلىنمىغانلىقى، مەقسىتىنىڭ بولسا خىزمەتلەرنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

گەرچە خىتايدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ، ساقايغاندىن كېيىن كېسىلى يەنە قايتىدىن قوزغالغان كىشىلەر كۆپ بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇنى يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار قاتارىغا قوشمىغان، شۇنداقلا كېسىلى قايتىدىن قوزغالغانلارنىڭ ھازىرغىچە بايقالمىغانلىقىدەك يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتقان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئىستاتىسكا قىلىشتىشمۇ ساختىلىق ئىشلەتكەن بولۇپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلارنى، يەنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، ئەمما يۆتەل، قىزىتما قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن بىمارلارنى يۇقۇملانغۇچىلار قاتارىغا قوشمىغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرىدە بۇنداق بىمارلارنىڭ 40 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

بۇ خەۋەر 497 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2020 13:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق