خۇبېيدىكى ئاممىۋى قاتناشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خۇبېيدىكى ئاممىۋى قاتناشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى بارلىق شەھەردە ئاممىۋى قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
خەۋەردە ۋۇخەندىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغانلىقى، ئىككى ئاي خىزمەتتىن توختىغان ۋۇخەن مېتروسىنى نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈش تەييارلىقىنىڭ باشلانغانلىقى، ۋۇخەندىمۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئاممىۋى قاتناشنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، چەت ئەلدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك بالدۇرراق ئىش باشلاپ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى، ئاخبارات ۋاسىتلىرى ئارقىلىق يالغان خەۋەر تارقىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 397 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2020 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق