خىتايلارنىڭ ئىرقچىلىق قىلمىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

يېقىندا خىتاينىڭ شېنياڭ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر دۇكاننىڭ چەتئەلدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى تەبرىكلەپ لوزۇنكا ئاسقانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

خىتاينىڭ شېنياڭ شەھىرىدىكى مەلۇم يېمەكلىك دۇكىنى 22-مارت ئىشىك ئالدىغا «ئامېرىكىدىكى يۇقۇمنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، ياپون پاكارلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىشىنى تىلەيمىز» دېگەن لوزۇنكىنى ئاسقان.

بۇ ھەقتىكى سۈرەت تارقالغاندىن كېيىن خەلقئارادىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. ئىنكاس بىلدۈرگۈچىلەر خىتايدىن تارقالغان ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھەقىقىي ئىرقچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئىشقا تېزلىكتە ئارىلىشىپ، لوزۇنكىنى ئالدۇرۇۋەتكەن. دۇكانمۇ تاقىلىپ، دۇكان مەسئۇلى ئىشتىن بوشىتىلغان.

خىتايلارنىڭ ئىرقچىلىق قىلمىشلىرى بۇندىن بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مائارىپ ۋە ئائىلە تەربىيەسى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيلىقتىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكى كۆپلەپ تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 467 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2020 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق