شى جىنپىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللاپ مەكتۇپ يوللىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بولغان نارازىلىق ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشكە باشلىغان بىر پەيتتە شى جىنپىڭ مەخسۇس خەت يېزىپ، ئۆز قوللىشىنى بىلدۈرگەن.

1-ئاينىڭ ئاخىرىدا كانادالىق بىر كىشى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇراجىئەتنامە تور بېتىدە بىر تەلەپ يوللاپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تېدروس ئادھانومنى (Tedros Adhanom) ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.

مۇراجىئەتنامىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن بىتەرەپ تۇرۇشى لازىملىقى، ئەمما باش كاتىپ تېدروسنىڭ ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىپ، بۇ قېتىملىق يۇقۇمنى خەلقئارالىق ئاممىۋى سەھىيە ھادىسىسى دەپ ئېلان قىلماي تۇرۇۋالغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك ھازىرقىدەك دۇنيا خاراكتېرلىك ئاپەتكە ئايلانغانلىقى ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىدە ئولتۇرۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقى، ئىستېپا بېرىشى لازىملىقى بىلدۈرۈلگەن. مۇراجىئەتنامە يوللىنىپ، ھازىرغىچە 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويغان.

ئەمما شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن تېدروسقا مەخسۇس مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شى جىنپىڭ خېتىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپ تېدروسنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەلقئاراغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمغا ئاكتىپ قارشى تۇرغانلىقىنى، خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ داۋاملىق رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ خېتى تېدروسنىڭ 17-مارت خىتايغا يوللىغان مەكتۇپىغا قايتۇرۇلغان جاۋاب خېتى بولۇپ، تېدروس خېتىدە خىتاينىڭ شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جەھەتتىن ئىشەنگۈسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 554 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2020 12:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق