خىتاي چىگراسىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي چىگراسىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، خىتايغا كىرىش ۋە خىتايدا تۇرۇش رۇخسىتى بار بارلىق چەتئەللىكلەرنىڭ ۋىزا ۋە رۇخسىتىنىڭ ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي 2020-يىلى 28-مارت سائەت 00:00 دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ۋىزا ۋە خىتايدا تۇرۇش رۇخسىتى بار چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايغا كىرىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى. APEC سودا سەپىرى رۇخسىتى بار چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايغا كىرىشى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ. پورت ۋىزىسى، 24,72,144 سائەتلىك ۋىزىسىز كىرىش، خەينەنگە ۋىزىسىز كىرىش، شاڭخەي پوچتا پاراخوتىدىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېندىن كەلگەن چەتئەللىكلەرگە 144 سائەتلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ساياھەت ئۆمەكلىرىدىن گۇاڭشىغا كىرىش ۋىزىسىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەر ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. دىپلوماتىيە ۋىزىسى، ھۆكۈمەت ئىشى ۋىزىسى، ھۆرمەت ۋىزىسى، ئىش بېجىرىش ۋىزىسى بىلەن كىرىش تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. زۆرۈر بولغان سودا، پەن-تېخنىكا پائالىيەتلىرى ۋە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئۈچۈن خىتايغا كەلگەن چەتئەللىكلەر خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى باش ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىدىن ۋىزا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ».
خەۋەردە يەنە بۇنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاقىتلىق تەدبىرى ئىكەنلىكى، بۇ خىل تەدبىرلەرنى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭمۇ قىلىۋاتقانلىقى، يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشگەندە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 545 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2020 18:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق