خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار ئىزچىل ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، بىر قىسىم تاراتقۇلار باشقىچە ئۇسۇل ئارقىلىق ۋۇخەندىكى يۇقۇم سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنى مۆلچەرلەپ چىققان.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇس مەنبەسى بولغان ۋۇخەن شەھىرىدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ 2531 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، يېقىندا ئېرىشكەن دەلىل-ئىسپاتلار ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ئون ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋۇخەن شەھىرىدە سەككىز دەپنە ئىدارىسى بار بولۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدە كېچە-كۈندۈز جەسەت كۆيدۈرگەن. بۇ جەرياندا مۇخبىرلارنىمۇ يېقىنلاشتۇرمىغان. خىتاي دائىرىلىرى 23-مارتتىن تارتىپ ئۆلگۈچىلەرنىڭ جەسەت كۈلىنى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، جەسەت كۈلى قۇتىسىنى ئۆزلىرى تارقىتىپ بەرگەن. بىر قىسىم كىشىلەر يۇقۇم مەزگىلىدە تارقىتىلغان جەسەت كۈلى قۇتىسىنى ھېسابلاش ئارقىلىق، ۋۇخەن شەھىرىدىكى ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭلا 50 مىڭغا يېقىنلىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
جەسەت كۈلىنى ئېلىش ئۈچۈن بارغانلار بىر نەچچە يۈز مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆچىرەتتە تۇرغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ زىيادە كۆپ ئىكەنلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى سۈرەت، ۋىدېيولارنى توردىن تازىلىۋەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى يۇقۇم مەزگىلىدە پەقەت ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، يۇقۇمنى كونترول قىلىشتا ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ۋە نۆۋەتتە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يوق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىشەندۈرەلمىگەن. ئەمما خىتايدا قانچىلىك كىشىنىڭ يۇقۇم سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھازىرغىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا.