خىتاي ۋابا مەزگىلىدىمۇ ساختا مال ئىشلەشنى ئۇنتۇپ قالمىدى

خىتاي دائىرىلىرى يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلغانلىقىنى، تېببىي بۇيۇم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. ئەمما نەتىجە ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك چىقمىغان.
خەلقئارادىكى يېڭى تاڭلىقلار تورىنىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەرەپ چېخقا سېتىپ بەرگەن مەخسۇس خىتاي ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان 150 مىڭ سىناق قۇتىسىنىڭ سۈپەتسىز مال ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
چېخلىق مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن بۇ سىناق قۇتىسىنىڭ خاتالىق نىسبىتىنىڭ %80كە يېتىدىغانلىقىنى، بۇنداق زور خاتالىق نىسبىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئامالسىزلىقتىن سۈرئىتى ئاستا بولغان تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھەرقايسى دۆلەتلەر ياساپ چىققان سىناق دورىسىدا قىسمەن خاتالىق كۆرۈلسىمۇ، ئەمما خىتاي ماللىرىنىڭ بۇنچىۋالا زور نىسبەتتە خاتالىق كۆرۈلۈشى خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەيران قالدۇرغان. بىر قىسىم كىشىلەر خىتاينىڭ چەتئەلگە ئېكسپورت قىلغان ماللىرىدا بۇنچىلىك ساختىلىق كۆرۈلگەن ئەھۋالدا، خىتاينىڭ ئۆز خەلقىگە ئىشلەتكەن سىناق دورىلىرىدا قانچىلىك خاتالىق بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە توغرا دىياگنوز قويۇلمىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قىلغان ياردەملىرىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن توختىماي كۆپتۈرۈلۈپ تەشۋىق قىلىنىشى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ئوبرازىنى پەردازلاش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۆز ياردەملىرىنى زىيادە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر مەزگىللىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ياردەم قىلغان 56 توننا تېببىي بۇيۇملارنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدىن ئورۇن ئالالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

بۇ خەۋەر 470 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2020 12:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق