خىتاي خەلقى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى جېنىنى تىكتى

خىتاي خەلقى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى جېنىنى تىكتى

27-مارت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا خىتاي خەلقىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى جېنىنى تىكىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇبېي خەلقى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى كوچىلارغا چىققان بولۇپ، بۇ قېتىمقى قارشىلىق خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن تىنچلىق نامايىشىغا ئوخشىمايدىكەن. بۇ قېتىم خەلق زورلۇق كۈچى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، كەڭ-كۆلەملىك قارشىلىق يۈز بەرگەن. شى جىنپىڭ يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ۋىرۇسنىڭ مەركىزى خۇبېي ئۆلكىسىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇش بىلەن بىرگە، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارنى ئىشقا چىقىشقا، ۋىرۇس تارقىلىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ مەكتەپكە بېرىشقا مەجبۇرلىغان. نەتىجىدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار يۇقۇملانغان.

خىتاي كوممۇنىستلىرى «دۆلەت ئۇرۇش باشلاش ئالدىدا تۇرغاندا 17، 18 ياشلىق بالىلار نېمىشقا ئەسكەرلىككە قاتناشمايسىلەر» دەپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئەسكەرلىككە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىغان. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە چىداپ تۇرالمىغان خەلق ئاخىرىدا زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش يولىنى تاللاپ، خەلقنى تىنچىتىش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلارنى ئۇرغان، دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنى ئاپتوموبىللىرىدىن تارتىپ چىقىرىپ ئۇرغان ھەمدە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ئۆرۈۋەتكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن جياڭشى، ئەنخۇي قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان قارشىلىق ھەرىكىتىنى خىتاي كوممۇنىستلىرى چىقارغان ۋۇخەنگە قارىتىلغان قامالنى ئېچىۋېتىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماسلىق بىلەن ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ساقچى ۋە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بىلەن جياڭشى، ئەنخۇي قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئارىسىدا ئۆزئارا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. خىتاي مەركىزى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىمۇ دەل ۋاقتىدا كونترول قىلالمىغان

مەلۇم بولىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسنىڭ ئايىغى ئۈزلمىگەن بولسىمۇ خىتاي دائىرلىرى ئىقتسادى مەنپەئەتنى دەپ ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى مەكتەپكە يىغىۋالغان..

تەھلىلچىلەر خىتاينىڭ 28-مارت چىقارغان چېگرا تاقاش ئۇقتۇرۇشى بىلەن جياڭشى، ئەنخۇي قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توساقلارنى ئېچىۋېتىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماي قارشىلىق كۆرسىتىشى ۋە خۇبېي خەلقىنىڭ خىتايغا زورلۇق كۈچ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قارشى تۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە

بۇ خەۋەر 512 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2020 18:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق